تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماسكا تېپىش شۇنچە تەسمۇ؟ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەخسىي تازىلىق مۇداپىئەسىدىكى «1-مۇداپىئە لىنىيەسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان ماسكا تاقاش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار ماسكا ھەققىدە جىددىي مۇراجىئەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان، بىر قىسىم دوختۇرخانىلارمۇ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قىس بولۇش مەسلىسى توغرىسىدا سىرتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  سوئال: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قانداق؟ مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالامدۇ؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلەردىكى مەسئۇل يولداشلار: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە تەخمىنەن %50نى ئىگىلەيدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 20 مىليون دانىدىن ئاشىدۇ. يۇقۇمنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، ماسكىغا بولغان ئېھتىياجمۇ تېز ئاشماقتا. ھازىر نۇرغۇن چەت، يىراق رايونلاردىكى ئاممىمۇ ماسكا تاقاشقا باشلىدى، ناۋادا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماسكا تاقىسا، يەنە كېلىپ ھەركۈنى ئالماشتۇرسا، بۇنداق كۈچلۈك ئېھتىياج ئالدىدا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەمىنلەشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ۋە ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 8 مىليون دانىغا يەتتى، قايتا ئىشقا كىرىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆلىمى %40كە يەتتى، ئەمما شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەتتا كېڭەيتىشكىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. بىز دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، يەنە خەلقئارالىق سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز.

  سوئال: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن ئىكەن، نېمىشقا يەنە نۇرغۇن ئامما ماسكا سېتىۋالالمايدۇ؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار: يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان ئەھۋالدا، ھەربىر ماسكىنى ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش پۇقرالارنىڭ ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار ۋە ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلماي، ئارقا-ئارقىدىن ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، ماسكا قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەمما چاغان مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى، خام ئەشيا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتى توختاپ قالدى. ۋاقتىنچە چاقىرتىلىپ قايتىپ كەلگەن خادىملارنىڭ ئىشقا قايتا كىرىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جىددىي كېڭەيتىپ، مەبلەغ، ئىشچى، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك ئامىللار ماسكا بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەپ قويماقتا. مەسىلەن: تۆمۈريوللارنىڭ قىسمەن لىنىيەلىرىنىڭ تەڭشىلىشى، بىر قىسىم ئۆلكىلەر ئارا قاتناشنىڭ توختىتىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەشيا ئوبورۇتى مەسىلىسى. مەسىلەن: ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارقا-ئارقىدىن زور مىقداردا مال سېتىۋېلىپ، سىرتقا يۆتكەش مىقدارىنى ئازايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقىتلىق زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيالارنى بىۋاسىتە ئىشلەپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى ۋە خۇبېينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىدىكى رايونلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. يېقىندا ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەتمۇ تەدرىجىي پەسىيىشى مۇمكىن.

  سوئال: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەر شارى بويىچە تەخمىنەن % 50نى ئىگىلەيدىكەن، بۇنداق زور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۇرۇپ، نېمىشقا يېتەرلىك زاپاس يوق؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار: ماسكىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، مەيلى زاۋۇت  ياكى دوختۇرخانا بولسۇن، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان مەزگىلدە زور مىقداردا مال بېسىپ قويمايدۇ. N95 ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىقلارنى دوختۇرخانا ئادەتتىە زور مىقداردا زاپاس ساقلىمايدۇ. ئادەتتە ئۇلار بەلگىلىك سان بويىچە ماسكا ئالىدۇ، ئەمما بۇ سان پەقەت داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ تېببىي تاشقى كېسەللىكلەر ماسكا ئامبارلىرىنىڭ زاپىسى تەخمىنەن بىر ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ.

  سوئال: ماسكا قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ماددىي ئەشيالار جىددىي  بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنسىتىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. يۇقۇمنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە كونترول قىلىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ماددىي ئەشيا كاپالىتى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى  بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماددىي ئەشيا كاپالىتى گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت يىغىنىنى تېزلىكتە ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدا مىنىستىرلىق پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر مياۋ شۈ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان مىنىستىرلىق ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. بىز قانات يايدۇرغان خىزمەتلەر ئاساسلىقى: بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلدى، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، مىنىستىر مياۋ شۈ تيەنجىنگە بېرىپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مىنىستىرلىقىمىز بەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى خېبېي، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خېنەنگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى؛ ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقىتلىق زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيالىرىنى بىۋاسىتە تەقسىملەپ بەردۇق؛ ئۈچىنچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنى باھانى كونترول قىلىش، ئېقىشنى كونترول قىلىش، مۇۋاپىق تارقىتىشقا يېتەكلىدۇق؛ تۆتىنچى، تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن خۇبېينىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

  ھازىر دەل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا، كارخانىلاردىكى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش قاتارلىقلار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى چەكلەپ قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتە يەنىلا يوچۇق ساقلانماقتا، بولۇپمۇ داۋالاشتا ئىشلىتىدىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىگە بولغان تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت گەۋدىلىك بولماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، بىز كارخانىلارنىڭ قايتا ئىشقا كىرىشىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خادىملارنى تولۇقلاپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقرىش كارخانىلىرىغا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ زاپاس ساقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاشنى كۈچەيتىپ، ئېكىسپورت كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇداپىئە كىيىملىرىنى دۆلەت ئىچىگە ئىشلىتىپ، خەلقئارا سېتىۋېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى ھەل قىلىمىز.

  سوئال: نۆۋەتتە، كەڭ ئامما N95 ماسكىسى بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىيەلمەسلىك مەسلىسىگە ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق ياخشى تەدبىرى بار؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار: بىز بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنى N95 ماسكىسىنى ئىلمىي ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئىلگىرى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسىنىڭ «ئاخبارات1+1» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مۇداپىئەدە N95 ماسكىسى تاقىشى ناتايىن، ئادەتتىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ۋىرۇسلۇق چاچراندىلارنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنى توسالايدىغان بولۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. N95 ماسكىسى يېقىن ئارىلىقتا بىمارلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن: داۋالاش خادىملىرى ھەر كۈنى بىمارلارغا دىياگنوز قويۇپ داۋالىغاندا مۇشۇ خىل ماسكىنى تاقايدۇ، بىر نەچچە سائەتتە بىر ئالماشتۇرىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ N95 ماسكىسى سەۋەبلىك ئالاقزادە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. قانداقلا بولمىسۇن ھازىر قىيىنچىلىق مەزگىلى.

  سوئال: بەزىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە ماسكىنى يەتكۈزۈشتە قىيىنچىلىق مەۋجۇت ئىكەن، مەسىلەن: ۋۇخەن شەھىرى ھازىر «يېپىق شەھەر»گە ئايلاندى، بۇ ئەھۋالدا ماسكا ئۇ يەرگە قانداق توشۇلىدۇ؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە-ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار: توشۇش جەھەتتىمۇ ماسلاشتۇرۇۋاتىمىز. نۆۋەتتە ۋۇخەن شەھىرى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، بىر قىسىم جىددىي ئىشلىتىلىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشتا نۆۋەتتە تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تاشيول قاتارلىق تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن قوللىدى، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بار. ۋۇخەننىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھاپىزەت كۆزەينىكى كەمچىل بولۇش مەسلىسىدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى چىڭداۋدىن 20 مىڭ دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھاپىزەت كۆزەينىكى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 5000 دانە ئايرىش نىقابىنى جىددىي يۆتكەپ، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 20:10 ئۆتكەندە ھاۋا يولى ئارقىلىق ۋۇخەنگە يەتكۈزدى، بۇ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىمكانقەدەر تېزلىكتە داۋالاش خادىملىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ماددىي ئەشيالىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، يېشىل يول ئېچىپ، مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى