تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى مالىيە نازاراىتى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): دىققەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، تىزگىنلەش، كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بەش خەتلىك فاڭجېنى ۋە «تۆت يۈز بەرمەسلىك» نىشان- ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش  خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەبلەغگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 129 مىليۇن يۈەننى داۋالاش، قۇتقۇزۇش بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارغا ئالدىن چىقىم قىلىش ئاساسىدا، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەخسۇس مەبلەغنى ئالدىن چىقىم قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىگە قارىتا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن، شەخسلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان قىسمىغا داۋالىنىش ئورنى مالىيە ياردەم پۇلى سىياسىتىنى تۈزۈپ ھەم مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى يولغا قويىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىر قېتىملىق راسچوت قىلىش جەھەتتە، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى داۋالاش، قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېلېكترونلۇق ھېسابات دەپتىرىنى تۇرغۇزۇپ، باشقا جايدا داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە راسچوت قىلىدۇ.

  ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى(سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يوقلار ۋە گۇمانىي بىمارلارنى داۋلاش، قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار ئالاقىدار ئۇچۇر خاتىرىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ھېسابات دەپتىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر تۇتاش تەشكىللەپ راسچوت قىلىدۇ. باشقا جايدا داۋالانغاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ شەخس ئۈستىگە ئالىدىغان قىسىمىنى داۋالانغان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپارات تۆلەپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ ئاجرىتىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون يەنە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى جانلىق تەڭشەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتا ئۇچۇرى سىستېمىسىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەلگە قارىتا دىياگنوز قويۇش نامى ۋە دىياگنوز قويۇش كودىنى، داۋالاش قۇتقۇزۇش بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار دوختۇرخانا ئۇچۇر سىستېمىسى(HIS)دا كېسەل تۈرىنى قوشۇپ، دىياگنوز كودىنى قوغداپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي بىمارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ راسچوت قىلغاندا دىياگنوز كودى بويىچە سانلىق مەلۇمات يوللاپ، داۋالىنىش ئۇچۇر سىستېمىسى دىياگنوز كودى ئارقىلىق ئاتچوت دائىرىسىنى جانلىق تەڭشەپ، A تۈردىكى ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى شەخستىن ھېسابات تالونى ۋە ئۆزى تۆلەيدىغان بىر قىسىم ھەقلەرنى ئالمايدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار دورا ۋە داۋالاشتا خورايدىغان ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ۋە باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كېرەكلىك دورا ۋە داۋالاشتا خورايدىغان ماتېرىياللارنى ئاپتونوم رايون سۇپىسى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالمىغان ئەھۋالدا، داۋالاش، قۇتقۇزۇشتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار ئالدى بىلەن تور سىرتىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ ھەمدە ئالاقىدار داۋالاش دورىلىرىنىڭ باھاسى ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، مۇقىم باھادا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىپ، يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش، كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىمارلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن داۋالىنالماسلىقىغا، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسى خامچوتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى