تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قايتىپ كەلسەملا توي قىلايلى»

يولغا چىقىش ئالدىدىكى چەي لىلى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، ياڭ گۇاڭ فوتوسى) 25 ياشلىق چەي لىلى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈم داۋالاش ئەترىتىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزا، ئۇ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەن بولۇپ، پىلانى بويىچە تويىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى، ئۇ 1-ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاقىتلىق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ ھامان تىزىملاتتى، ئۇنى خۇشال قىلغىنى، بۇ جەرياندا بولغۇسى ئېرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىزچىل مەدەت بەرگەنلىكى بولدى.

1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىن 142 نەپەر داۋالاش خادىمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى.

چەي لىلى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-تارماق دوختۇرخانىسى بالىلار ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى جەڭگە ئاتلانغان داۋالاش ئەترىتىدە، گەرچە ئۇ كەم سۆز بولمىسىمۇ، لېكىن پوزتسىيەسى ناھايىتى قەتئىي ئىدى.

«دوختۇرخانا ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئىككىلەنمەيلا تىزىمغا ئالدۇردۇم، كۆڭلۈمدە ئازراق ئەندىشە قىلغان بولساممۇ، ئائىلەمدىكىلەر ۋە بولغۇسى ئېرىم ئىزچىل ماڭا ئىلھام بېرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى، گەرچە قايتىش ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، چەي لىلى مۇخبىرغا «بولغۇسى ئېرىمغا قايتىپ كەلسەملا توي قىلايلى دېدىم» دېدى.

چەي لىلىنىڭ بولغۇسى ئېرى ساقچى بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن، ئۇلار چاغاننىڭ ئالدىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەن، ئەسلىدە توي مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى باشلىنىپ كەتكەن.

1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چەي لىلىنىڭ بولغۇسى ئېرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، يەنە ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى.

ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىۋاتقاندا، چەي لىلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن تېلېفون كەلدى، ئۇ ئاددىيلا قىلىپ: «خاتىرجەم بولۇڭلار، بېرىپ بولۇپلا سىلەرگە تېلېفون قىلىمەن» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا، چەي لىلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز كەسپىي خادىم، چوقۇم ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىمىز».

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى