تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 33 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالدىن تۆلەپ يۇقۇم مەزگىلىدىكى داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، 33 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالدىن تۆلەپ، شۇنداقلا بۇنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەخسۇس مەبلىغى قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

1-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش_تىزگىنلەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى مەخسۇس بەنى تەسىس قىلىپ، سىگنال بېرىش تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلغان. كەسپىي تايانچلارنى ئاپتونوم رايونلۇق 6 ـ خەلق دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى قۇتقۇزۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىمارلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا داۋالىنالماي قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن 33 مىليون يۈەننى ئاجرىتىپ ئالدىن تۆلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش _ تىزگىنلەشتىكى مەخسۇس مەبلەغ قىلدى.

«ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى قۇتقۇزۇش-كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسى سىرتىدا مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتا كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجىتىنى دوختۇرخانا ئومۇمىي سوممىسى خامچوتىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزمەسلىك، ئالدىن پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 32 قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا جەمئىي 33 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى جىددىي مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسىغا ئالدىن 2 مىليون يۈەن تۆلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تىببىي داشۆسى 1 - تارماق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى قاتارلىق 31 دوختۇرخانىنىڭ ھەر بىرىگە 1 مىليون يۈەندىن ئالدىن تۆلەپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسى خام چوتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جياۋ گورۇڭ.

جياۋ گورۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ۋە گۇمانىي ئاغرىقلاردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىرىنىڭ قىزىتما (جىددىي) ئامبۇلاتورىيىسىدىكى داۋالاش خىراجىتىنى بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى بىلەن قوشۇپ ھېسابلاش ھەمدە ئاۋۋال داۋالاپ، ئاندىن راسچوت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شەھىرىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىشتىن كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجىتىنى، ئالدىن باشقا جايدا داۋالىنىشقا ئۆزگەرتىپ بېجىرىش ھاجەتسىز، ئاۋۋال داۋالاپ، ئاندىن راسچوت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىمارنىڭ يۆتكىلىشى ئېلىپ كەلگەن يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، ئۇلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇشقا يېقىندىن دىققەت قىلىش ھەمدە داۋالاش-قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە دوختۇرخانا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ ئىلتىماس قىلىش يېشىل يولىنى ئېچىپ، بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى تېز بېجىردى، تېز راسچوت قىلدى. دوختۇر، ئۈسكۈنىلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق باشقۇرۇش چەكلىمىسىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلدى، ئاغرىقلارنى باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ، تېلېفوندا ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۈرلۈك راسچوت كەسپىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى زالىنىڭ بىجىرىش كۆزنىكى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئۈچ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى نۇقتىلىق داۋالاش دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ۋاقىتلىق كارتا بېجىرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، كارتا چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ۋاقىتلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى سەپلەپ، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى يوقاپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوتىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىرتقا چىقىشنى ئازايتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 24 سائەت داۋالاش كاپالىتىنى ئەنگە ئېلىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، بايرام مەزگىلىدىكى 24 سائەت ئەنگە ئالدۇرۇش تېلېفونى 18997928870نى ئېلان قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى ۋە گۇمانىي ئاغرىقلار بىۋاسىتە تېلېفون بېرىپ، ئەنگە ئالدۇرۇپ، داۋالاش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلسا بولىدۇ. چاغان مەزگىلىدىكى ئۈچ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-4680625، 4680662،4658542، مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ چاغان مەزگىلىدە كېسەل كۆرسىتىشى، داۋالىنىشىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەسلىھەتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى