تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىدىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 0دىن 24 كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

  كېسەللىك مىسالى دەيx، ئايال، 57 ياش، شىنجاڭغا كېلىپ تۇغقان يوقلاشتىن ئىلگىرى ۋۇخەندە تۇرغانلىق تارىخى بار بولۇپ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان. 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دىياگنوز مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىچە، مەزكۇر كېسەللىك مىسالى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالى دەپ بېكىتىلگەن. نۆۋەتتە، مەزكۇر كېسەللىك مىسالى شۇ جايدىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم.

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 14نى دوكلات قىلغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتتىسى، ئىلى ئوبلاستىدا تۆتى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى بار ئىكەن. ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار ئىكەن، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق.

  نۆۋەتتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقانلاردىن 510 كىشى بار بولۇپ، 18 كىشىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان، ھازىر 492 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى