تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغان داۋالاش خادىملىرى ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋىرى): يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇتقۇزۇش جەريانىدا، داۋالاش خادىملىرى يۇقۇملانسا ئىش ئۈستىدە يارىلانغان، دەپ ھېسابلىنىدۇ. 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا كەسپىي زەخىملىنىش «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى.

  «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان داۋالاش، پەرۋىش خادىملىرى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئالاقىدار كاپالەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە «خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان داۋالاش، پەرۋىش خادىملىرى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئالاقىدار كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ).

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، داۋالاش ۋە ئالاقىدار خادىملار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانسا ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتىلىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بارشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن خۇڭيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يۇقىرىقى خادىملارنىڭ ئالاقىدار خىراجەتلىرىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ئىدارە(ئورۇن) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆلەيدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە چىقىم قىلىدۇ، مالىيەدىن ياردەم بەرگۈچى ئورۇننىڭ شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ياردەم  بېرىدۇ.

  «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئاساسەن تولۇق بولسا، ھادىسە زىيىنىنى قايتا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرمەيدۇ، پەقەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن داۋالاش دىياگنوز ئىسپاتى بولسىلا، ئىشتا يارىلىنىشنى دەرھال بېكىتكىلى بولىدۇ. ئىشتا يارىلانغان، دەپ بېكىتىلگەنلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، دەرھال ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاپ، دەرھال تەمىنات بېرىش كېرەك».

  چېن خۇڭيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مالىيە، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرىقى خادىملارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىش، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ۋە تەمىناتىنى بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ