تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماسكا كەلدى! شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى كۆپ مىقداردا ماسكا ئىمپورت قىلدى

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىمپورت قىلغان ماسكا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىمپورت قىلغان ماسكا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى) ماسكا كەلدى! شىنجاڭدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلار ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە تىجارىتى بار كارخانىلار قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن ئارقا-ئارقىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىمپورت قىلىپ ئەكەلدى.

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان، كىرىزىس پەيتىدە، كارخانىچىلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، چەت ئەلدىن ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىمپورت قىلغان.

  بۇ كارخانىلار يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ۋەنجيا تېببىي ئۈسكۈنىلەر چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇالىڭ سودا-سانائەت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان 716 مىڭ 500 ماسكا ۋە 300 مۇداپىئە كىيىمى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. «بىزنىڭ تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن بولدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە كەسپىي ھەمكارلىقىمىز بار، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ ماسكا سېتىۋالدۇق، بۇ قېتىم جەمئىي 1 مىليون 500 مىڭ ماسكا سېتىۋالدۇق، يېقىنقى بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈچ تۈركۈم بويىچە ئۈرۈمچىگە توشۇپ كېلىنىدۇ» دېدى يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن لىدىرى چېن گاڭ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلار چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلغان 236 مىڭ ماسكا 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەن، بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان 500 مىڭ ماسكا تۈركۈم بويىچە يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنگەن.

  چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس چېگرا ئېغىزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە «يېشىل يول» ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تاموژنىدا ئازراقمۇ تۇرۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  داۋاملىق ئوقۇڭ

  بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ! 700 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا قورغاس پورتى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى سېپىگە توشۇلدى

  قورغاس تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىمى ماددىي ئەشيالارنىڭ تۆمۈريولغا يۆتكەپ قاچىلىنىشىنى پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرماقتا.

  قورغاس تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىمى ئىمپورت قىلىنغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تىزىملىكىنى سېلىشتۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ جيۇيى، ئەن لې خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 22 دە، 716 مىڭ 500 ماسكا شۇنداقلا 300 مۇداپىئە كىيىمى لىق بېسىلغان يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي كېرەكلىك ماددىي ئەشيالار شىنجاڭ قورغاس تاشيول پورتىغا يېتىپ كەلدى ھەمدى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئارقىلىق، كېچىلەپ شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە توشۇلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى شىنجاڭدىكى بىر كارخانا قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىن بىر تۇتاش سېتىۋالغان. 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، بۇ ماللار ئەۋەتكۈچىنىڭ رەسمىيىتى تولۇق بولمىغاچقا، قازاقىستان چېگراسىدىن چىقىشقا ئامالسىز قالغان، نورمال تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كۈن كېتەتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولغاچقا، قورغاس تاموژنىسى تېزدىن تاقابىل تۇرۇپ، قازاقىستان تاموژنىسى بىلەن كۆپ قېتىم پىكىرلىشىپ، ئۇلارغا بۇ بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ماددىي ئەشيالارنى ئاۋۋال ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىش ھەققىدە پىكىر ھاسىل قىلغان.

  قورغاس تاموژنىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 1-بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىليار ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «بىز تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال تىزىملاپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاندىن ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، جىددىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تاموژنىدىن ۋاقتىدا ئۆتۈشىگە، بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.»

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قورغاس تاموژنىسى تاشيول پورتلىرىنى ئاچقاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ ئىمپورت قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، «يېشىل يول» ئېچىپ، تاپشۇرۇۋالغۇچى كارخانىلار بىلەن تېزدىن ئالاقىلىشىپ، مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى