تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى

شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 142 ئەترەت ئەزاسى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ۋۇخەنگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن ئۇزىتىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسىگە بايراق بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قىممەتلىك، يۇقۇم − بۇيرۇق. شىنجاڭدىكى كەڭ تېببىي خادىملار چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى، ۋەزىپە مۈشكۈل، بۇرچ شەرەپلىك. كۆپچىلىكتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇپ داۋالاش بىلەن بىللە، سالامەتلىكىنى ئاسراپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يېقىنقى مەزگىلدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئارقا - ئارقىدىن يۈزبەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ. كۆپچىلىك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ، زىممىسىدىكى بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا كەسپىي سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىكتىن ۋۇخەنگە بارغاندىن كېيىن بارلىق ھەرىكەتتە قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىكتىن شەخسىي مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بېرىپ، سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەرنىڭ ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن تاماملاپ، سالامەت قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتىدۇ!» شۆھرەت زاكىرنىڭ چىن مۇھەببەت بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرى داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ماڭغان شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ تېببىي خادىملىرى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن. داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىزنى، بارلىق ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز، يۇرتىمىز خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، مەڭلىك سىيىت، ۋەن خەيچۇەن بىرلىكتە ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى