تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى −

پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن مۇھىم يوليورۇققا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدا بەش قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى يۇقىرى پەللىدىن ئالغا سىلجىتتى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئۇدا كۆپ قېتىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىن سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ قۇردى، تېببىي خادىملار 24 سائەت نۆۋەت بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىپ ئالدىن تەكشۈردى.

شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن يەنكې مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا، بىز ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ چىڭ ساقلاپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدايمىز.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالتە خىلدىكى 28 تۈرلۈك خىزمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، رەھبەرلىك بەنزىسى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ھەر ۋاقىت بىر تەرەپ قىلدى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياڭ شىنلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى بارلىق كۈچلەرنى يىغىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر كۆپ قېتىم گۇرۇھ قارىمىقىدىكى خۇاتەي شىركىتى، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى، شىنشىن پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ ئەسلىي سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. «گۇرۇھتىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، باشلامچى بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يېتەكلەپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ» دېدى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن.

كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش

مەرد مەيداندا سىنىلار، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا تاۋلىنار. خەتەرلىك پەيتتە، ھەربىر پارتىيە تەشكىلاتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە ئىدارىسى چارلاش - تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتىدىكى 28 خەلق ساقچىسى شۆبە ئىدارىنىڭ پارتىيە باش ياچېيكىسىغا «جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى» سۇنۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايروپورتنىڭ چارلاش - تىزگىنلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۆبە ئىدارىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىمۇ بەس - بەستە جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ياڭ بىن مۇنداق بىلدۈردى: بارلىق خەلق ساقچىلىرى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ يولغا چىقتى، داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى دۇڭ شۈنەن مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم. مەن ئەترەتنى ياخشى يېتەكلەپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن!»

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ جىلى، لۇ فېڭباۋ، سۈي يۈنيەن، چاۋ جىن، فۇ شياڭلۇڭ، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ جۈنشيۇ، دۇ پېڭفېي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى