خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى قائىدىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
بىرىنچى، قوبۇل قىلىش دائىرىسى
1. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر؛
2. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى؛
3. مۇھىم يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي، چالا مەلۇم قىلىپ، كېچىكىپ مەلۇم قىلىپ، خاتا مەلۇم قىلىپ، يالغان مەلۇم قىلىپ يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛
4. تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماسلىق، خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىش، بۇيرۇققا قارشى چىقىش، مۇھىم پەيتتە قورقۇنچاقلىق قىلىپ ئىشتىن باش تارتىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، خىزمەتكە دەخلى قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛
5. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالىرىغا خىيانەت قىلىش، ئۇلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛
6. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قائىدىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەر.
ئىككىنچى، پاش قىلىش ئۇسۇلى
پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 12388 - 0991 (24 سائەت قوبۇل قىلىدۇ).
تور بېكىتىدە پاش قىلىش:
http://xinjiang.12388.gov.cn
ئۈندىداردا پاش قىلىش: «شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى
جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى قائىدىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشىنى، يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پاش قىلغۇچى ۋە پاش قىلىش مەزمۇنىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلايدۇ، پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى
2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى