تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئۈرۈمچىدىكى مەھەللىلەر ھەرىكەتتە

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا خەۋىرى، فوتوسى): چاغان ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان كۈن، لېكىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا نىسبەتەن، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرماقتا. 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېمى»نى مۇستەھكەملىدى، يۇرتىغا قايتقانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇردى، مەھەللە ئاھالىلىرى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى.

    1-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىيانشان رايونى ئەرداۋچاۋ تەۋەلىك رايونى يۆجىن كوچىسى مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

   1-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىيانشان رايونى ئەرداۋچاۋ تەۋەلىك رايونى يۆجىن كوچىسى مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەر مەھەللىنىڭ كىرىش ئېغىزى، ئىشىك تۇتقۇچ قاتارلىق رايونلارنى دېزىنفېكسىيە قىلدى.

    يۆجىن كوچىسى مەھەللىسى: چارلاش، تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش كەم بولسا بولمايدۇ

  يۇقۇم ـــ بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ـــ مەسئۇلىيەت. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تىيانشان رايونى ئەرداۋچاۋ تەۋەلىك رايونى يۆجىن كوچىسى مەھەللىسى بىرىنچى بولۇپ مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەھەللىلەر يەنە ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقى، نۇقتىلىق جايلىرى، بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى رەتلىدى، تازىلىدى، دېزىنفېكسىيە قىلدى، ھەرقايسى كارىدور، ئاممىۋى ئۆتۈشمە ئىشىكلىرىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى ۋە لېفىت، ئەخلەتخانا قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ھەر كۈنى كۆپ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلدى.

   1-ئاينىڭ 28-كۈنى، كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار مەھەللىدىكى «خەلققە قولايلىق كۆكتات نۇقتىسى»دا كۆكتاتلارنى رەتلىمەكتە.

 كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسى: كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، «كۆكتات دۇكىنى»نى مەھەللە ئىچىگە كۆچۈرۈپ كىرىش

   1-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىيانشان رايونى جيەنجۇڭ مەھەللىسىدە، مەھەللىگە كىرىپ-چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىزىملىتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك ئىدى. مەھەللە دەرۋازىسىدىن كىرسىلا، مەھەللە ئىچىدە «كۆكتات دۇكىنى»، «ناۋايخانا»، «سۈت دۇكىنى»نىڭ ھەممىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغىلى بولاتتى، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. «بەسەي، ياڭيۇ، ھەممە نەرسە بار، باھاسى سىرتتىكى كۆكتات دۇكىنى بىلەن ئوخشاش، قېنى كۆرۈپ بېقىڭ!» دېدى بىرەيلەن خېرىدار چاقىرىپ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى چېن گۇ مۇنداق دېدى: «مەھەللىدە ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز نۇرغۇن ياشانغانلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىن ئەتراپتىكى كۆكتات دۇكانلىرىغا كۈندە كىرىپ-چىقىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز بەزى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى مەھەللە ئىچىگە كۆچۈردۇق ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سۈپىتى ۋە باھادا مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە، باھا ئۆستۈرۈۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلدۇق.»

   مەھەللە پىدائىيلار ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت ئەترىتىگە ئۆزگەردى

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە، كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت ئەترىتىگە ئۆزگىرىپ، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» غىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. سۇلايمان مەخمۇت كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسى پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل كىچىك كاناينى ئېلىپ كوچىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئاھالىلەرگە سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاشنى، يىغىلىشىۋالماسلىقنى، توپلىشىۋالماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  جۇڭخۇەن يولى جەنۇبىي مەھەللىسى: «ئۈندىدار توپى» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىدىكى زور رولىنى جارى قىلدۇردى

  «بۈگۈن بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئەتىگەنلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، 36.8 سېلسىيە گىرادۇس، 37 سېلسىيە گىرادۇس، 37 سېلسىيە گىرادۇس.» «1-بىنا 1-ئىشىك 201-نومۇرلۇق ئۆيدىكىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، قىزىش ئەھۋالى يوق.» ھەر كۈنى سەھەر سائەت 9 دىن باشلاپ، تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى خۇاڭچاۋ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئۈندىدار توپىدا ئۆيدىكىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقىنى يەتكۈزىدۇ، بۇ جۇڭخۇەن يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار قۇرغان ئاھالىلەر ئۈندىدار توپى بولۇپ، مەھەللە كادىرلىرى ھەر كۈنى يۇقۇم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. خۇاڭچاۋ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئەركىن ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھەر خىل كىچىك ئىشلاردىمۇ مەھەللە كادىرلىرىنى ئىزدەيتتۇق، بۇ قېتىم بۇنداق چوڭ ئىشتا تېخىمۇ ئۇلارغا تايىنىمىز! بىز ئۆي ئىگىلىرى پائال ماسلىشىپ، ھەممەيلەن بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىمىز، قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ