تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دورا كارخانىلىرى ۋىرۇسقا قارشى تۈردىكى دورا بازىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردى ھەم ۋۇخەنگە ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، جانبولات فوتوسى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ۋىرۇسقا قارشى دورا ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى ھەم ۋۇخەنگە ئىئانە قىلدى.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا پاي چەكلىك شىركىتىدە، كارخانىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىز جىددىي يىغىن ئېچىپ، بازىنى چىڭ ساقلاپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قارارىغا كەلدۇق» دېدى شىنجاڭ خۇايۈەن پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، لىدىر، شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ  لىدىرى لى جۈن.

شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا پاي چەكلىك شىركىتى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ مۇرەككەپ رېتسېپلىق يىجىخاۋ جەۋھىرى(复方一枝蒿) ئىشلەپچىقارماقتا.

  شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 280دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولۇپ، كارخانا ئىشلەپچىقارغان مۇرەككەپ رېتسېپلىق يىجىخاۋ جەۋھىرى(复方一枝蒿) دۆلەتنىڭ سارس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك زاپاس جۇڭگو تېبابىتى دورا تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

  1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىغا 3 مىليون يۈەن قىممىتىدە 1300 يەشىك مۇرەككەپ رېتسېپلىق يىجىخاۋ جەۋھىرى(复方一枝蒿) ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 650 يەشىكى شىنجاڭنىڭ يەرلىك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىكەن، قالغان 650 يەشىكى ۋۇخەنگە ئەۋەتىلىپ، يەرلىككە ئىئانە قىلىنىدىكەن.

شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا پاي چەكلىك شىركىتى ياردەم بېرىپ ئىئانە قىلغان يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورا بۇيۇملىرى.

  شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭنەنشەن تېببىي فوند جەمئىيىتى بىلەن سامساق(胡蒜) ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىئانە قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى بۇ فوند جەمئىيىتىگە 15 مىڭ قۇتا 1 مىليون 485 مىڭ يۈەن قىممىتىدە سامساق تابلېتى(胡蒜片) ئىئانە قىلدى، بۇ دورىلار مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سامساقتىن ئايرىپ ئېلىنغان ئاللىئىن بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭنەنشەن تېببىي فوند جەمئىيىتىگە تەقدىم قىلغان سامساق تابلېتى(胡蒜片).

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىغا 178 مىڭ يۈەنلىك سامساق تابلېتى ئىئانە قىلدى.

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى زۇكامنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كەلتۈرگەن غايەت زور بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، شىركەتنى زۇكام جەۋھىرى(祖卡木颗粒) ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى.

  ھازىر، شىنجاڭ شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن زاپاس مال تەييارلاپ، دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا كېرەكلىك دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ شىركەت بارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كېرەكلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى كونترول قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ئالاقىدار دورىلارنىڭ باھاسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈشنى قاتتىق مەنئى قىلدى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي سانائەت رايونىدا، ۋىرۇسقا قارشى تۈردىكى دورا كارخانىسىدىن توققۇزى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن بەشى، ئوبوروت كارخانىسىدىن تۆتى بار.

شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا پاي چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) سانائەت رايونى باشقۇرۇش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ نىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كەسىپلەر رايونىدىكى ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر دەم ئېلىشنى توختىتىپ، تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى ھەمدە سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش، يەتكۈزۈش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى پائال تۈزۈپ چىقتى، دورا ياساش كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئىشلەپچىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى