تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئۈچ تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ياۋايى ھايۋانلار سودا بازىرىنى تاقىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): 1- ئاينىڭ 28- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياۋايى ھايۋانلار بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق بىرلىكتە «ياۋايى ھايۋانلار بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇملىنىش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، پۈتكۈل شىنجاڭ دائىرىسىدە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە زال ئىچىدە نومۇر ئورۇنلىتىش، ۋاقىتلىق كۆرگەزمىگە قويۇش قاتارلىق تىجارەت پايدىلىنىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىش؛ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش، سېتىۋېلىش، پايدىلىنىش ۋە سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

يېقىندا، شىنجاڭدا ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىش ۋە تىجارەت قىلىش، پايدىلىنىش سورۇنلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى، جايلاردىكى ئورمان، ئوتلاق مەسئۇل تارماقلىرى تەۋەلىكىدىكى بارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىش سورۇنلىرى ۋە تىجارەت قىلىش، پايدىلىنىش سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، خىزمەت خاتىرىسى تۇرغۇزۇشقا ماسلاشتۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، گۈل-گىياھ، قۇش بازىرى، تاللا بازىرى، ئاشخانا قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلار ۋە سۇپىلار، تور بېكەتلەر نۇقتىلىق نازارەت قىلىندى، تەكشۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، تەۋەلىكتىكى ياۋايى ھايۋانلار سودا بازىرى، مەيدانى بىردەك تاقىۋېتىلدى.

شىنجاڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سۆھبەتكە چاقىرىش، ۋەدىنامە ئىمزالاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بازار قۇرغۇچىلىرى، تور سودا سۇپىسى قۇرغۇچىلىرى، ئالاقىدار تىجارەتچىلەرنىڭ «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. تور سودىسى 3-تەرەپ سۇپىسى، تور بېكەتلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توردىن پايدىلىنىپ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىشنى قاتتىق چەكلىدى، ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئوۋچىلىق قوراللىرىنى سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى قاتتىق چەكلىدى، يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قاتتىق چەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ