تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى

  ‎تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋىرى): قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيەلەپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى-تىزگىنلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى، ئۈندىدار توپى، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ھەققىدىكى بىلىملەرنى  ئومۇملاشتۇرغان ھەم ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلارغا قوغدىنىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئۇقتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنى ياخشى قوغداپ، ساغلام، خۇشال-خورام چاغان ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى مەخسۇس مەكتەپ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەكتەپنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتتى، مەكتەپ مۇدىرى لو چۈنيەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچى بولمىسىمۇ، لېكىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەكتەپ ئاشخانىسى، لىفىت، كارىدور قاتارلىق ئاممىۋى رايونلار ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ، سىنىپ، ياتاق بىر ھەپتىدە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ.

  لو چۈنيەن يەنە مۇنداق دېدى: بىز يەنە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقنى، يىغىلىش ئۆتكۈزمەسلىكنى، ئۆيمۇ ئۆي يوقلاشماسلىقنى، يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەسلىكنى ۋە قاتناشماسلىقنى، ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان رايونلارغا بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتۇق.

  «مەكتەپ ھەر كۈنى ئاممىۋى رايوننى تازىلىغۇچى، دېزىنفېكسىيە قىلغۇچى، ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارغا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى سەپلەپ بېرىشكە مەخسۇس ئادەم ئاجراتتى.» ئۈرۈمچى «1-ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جۇ جيەنمىن مۇنداق دېدى: سىنىپ، ياتاق، ئاشخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، كۇتۇپخانا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇۋاتىمىز.

  ئۇلار يەنە سىنىپ مەسئۇللىرىدىن ئاتا-ئانىلار توپىدا ئوقۇغۇچىلارغا ماسكا تاقاش، پات-پات دېزىنفېكسىيەلەش، ئۆيدە دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كۈندە سۇنى كۆپ ئىچىپ، يەڭگىل تاماقلارنى يەپ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھەرلىك 15-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ باۋپىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتۇق، ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن باشقا، دىجورنى خادىملارغا تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى سەپلەپ بەردۇق، يەنە ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدە تېرمومېتىر تەييارلاپ قويدۇق. شىنجاڭدىكى تۈرلۈك پۇقراۋى مائارىپ ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

               تەرجىمە قىلغۇچى: فەرغانە غوپۇر

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى