تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ئالتە كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ خەۋىرى): بۇ يىل چاغاندا، كىشىلەر ھەر ۋاقىت يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەزگىلدە، يەنە قىسمەن كىشىلەر يالغان ئۇچۇر تارقاتتى، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك باشقىلارغا، شۇنداقلا ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ئالتە كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى.
    1-ئاينىڭ 21-كۈنى، تورداش «پاۋموچۇ~شيا» پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس، ئىشىڭىز بولمىسا ۋۇخەنگە بارماڭ، سارس پەيدا بولدى، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. ئادەم ئۆلدى. بۇ كېسەل ئاساسەن ۋۇخەن، شاڭخەي، شېنجېندىن تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭدا بىر ئادەم ئۆلدى».
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى بۇ تورداشنى تەنقىد-تەربىيە بېرىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلدى.
    1-ئاينىڭ 21-كۈنى، تورداش «سەن» پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر كۆرۈلدى، كۆپچىلىك يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماي تۇرۇڭلار».
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى داۋانچىڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى بۇ تورداشنى تەنقىد-تەربىيە بېرىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلدى.
    1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تورداش «رۇڭئېر» پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «قەدىرلىك ئاچا-سىڭىللار، مەن بۇ يەردە سىلەرگە بىر ئىشنى ئۇقتۇرۇپ قوياي: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى بىمارىدىن ئۈرۈمچىدە ئىككىسى كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ ئىككى بىمارنى ئۆز ئىگە ئالغان ۋە ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان 70 نەچچە كىشى ھازىر ئايرىۋېتىلدى، شۇڭا ئاچا-سىڭىللار سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار».
    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.
    1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تورداش «شىشى» پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىككىگە يەتتى، دىققەت قىلايلى، بۇ كېسەل شىنجاڭدا يامراشقا باشلىدى. مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى چوقۇم ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، مەن ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، سىرتقا چىققاندا بىر قېتىملىق ماسكىنى ياخشى تاقاپ، پات-پات قولىمىزنى يۇيۇپ، تۇز سۈيىدە ئېغىزىمىزنى چايقاپ، ھازىرچە دېڭىز مەھسۇلاتى يېمەي تۇرايلى».
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بېرىپ، 500 يۈەن جەرىمانە قويۇپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاغزاكى تەنقىد-تەربىيە بەردى.
    1-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداش «ۋېيليەن» ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ئۆزىمىزگە قارىغۇلارچە ئىشەنمەيلى، 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە» دىۋوپۇ ئايرودۇرۇمى ۋۇخەندىن كەلگەن 13 مىڭ يولۇچىنى كۈتۈۋالدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ۋۇخەن نۆۋەتچى ئايروپىلانى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى دىۋوپۇ ئايرودۇرۇمىغا كەلدى، جەمئىي بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، 14 كۈننى يوشۇرۇن خەۋپ مەزگىلى دەپ ھېسابلىساق، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىماردا ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە بىمار ئۇچراشقان ھەرقانداق سورۇندا يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت، ئۆيدە خاتىرجەم مۇداپىئەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش تېببىي خادىملارغا بېرىلگەن ئەڭ زور مەدەت، يەنى 24 مىليون شىنجاڭلىق قېرىنداشقا بولغان مەسئۇلىيەت، چاغان ئۆتۈپ كەتسە، بۇ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كەلسەك، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىمىز».
    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىمىگو رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى رازۋېتكا قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ