تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24كىچە ئۇزارتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى): ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24كىچە ئۇزارتىلغان.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ھېيت، بايرام مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(گوۋۇيۈەن تارقاتقان [2012] 37-نومۇرلۇق) ۋە «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2020-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان تېلېگرامما [2020] 1-نومۇرلۇق)دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتىنى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24كىچە ئۇزارتىش قارار قىلىنغان.

  ئەسلىدىكى يەتتە كىشلىكتىن تۆۋەن(يەتتە كىشلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 0دە باشلىنىپ، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24تە ئاخىرلىشاتتى، ھازىر 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 24كىچە ئۇزارتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى