تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە ئۈچ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، ئىلى ئوبلاستىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن ئىككىسى بار. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك مىسالى جىنx ئۈرۈمچىدە 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى جاڭx نىڭ ئاپىسى، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك مىسالى دۇx ئىلى ئوبلاستىدا 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى دۇx نىڭ قىزى ئىكەن.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24:00كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن 13نى دوكلات قىلغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالتىسى، ئىلى ئوبلاستىدا تۆتى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى بار ئىكەن، ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق.

  نۆۋەتتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقانلاردىن 307 كىشى بار بولۇپ، توققۇز كىشىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان، ھازىر 298 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى