تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بىز ھەرىكەتتە

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر قاتار جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

شىنجاڭ 2020 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنداق جىددىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن بولغانلىقتىن، مەكتەپ (يەسلى)لەرنىڭ ئوقۇش باشلىغاندا خادىملارنىڭ يىغىلىپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويۇش خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈردىكى مەكتەپ (يەسلى)لەرنىڭ 2020 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش قارار قىلىندى، كونكرېت ئوقۇش باشلاش كۈنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار قاتناشتىن ۋاقتىنچە توختىدى، قىسمەن يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن ۋاقىتلىق توختىدى

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، شىنجاڭدا ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ قاتنىشىنى، ئۆلكىلەر ئارا قاتنايدىغان كۆتۈرە ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنى ئەنگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش كەسپىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى، ئالدىن بېلەت سېتىۋالغان يولۇچىلار بېلەتنى قايتۇرسا پۇلى شەرتسىز تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى بارلىق يولۇچى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى، يولۇچى تىرانسپورت بېكەتلىرىدە كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى، يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بىر قىسىم پويىزلارنى توختاتتى، كونكرېت تۆۋەندىكىچە: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى - خەنكوۋ 1/Z294 قېتىملىق، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە خەنكوۋ - ئۈرۈمچى 3/Z292 قېتىملىق پويىزنىڭ قاتنىشى توختىتىلدى؛ 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئىچىدىكى 23.5 جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى توختىتىلدى، قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە سىملىق تېلېۋىزىيەسى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەقسىز كۆرسىتىلىدۇ

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى پاي چەكلىك شىركىتى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى رادىيو - تېلېۋىزىيە سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنىتچىلىرى مەيلى ھەق تاپشۇرغان - تاپشۇرمىغان بولسۇن، رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى تارقاتقان سىملىق تېلېۋىزىيەسى قانال كۆپەيتكۈچىگە نورمال ئۇلىسىلا، بارلىق پىروگراممىلارنى ھەقسىز كۆرەلەيدۇ.

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بەي شياڭياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشتىكى نوپۇزلۇق ۋاسىتە، ئاۋامنىڭ تېلېۋىزور ئارقىلىق ئەڭ يېڭى، ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈش، ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئابۇنىتچىلار شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى تەمىنلىگەن 181 يۈرۈش بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلى، ھەمتۈرتكىلىك تاللاپ كۆرۈش، قايتۇرۇپ كۆرۈش، تېلېۋىزىيە كىنو لىنىيەلىرىنىڭ كۆپ تىللىق پىروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ ھەم كىچىك دوستلار ۋە ياشانغان ئابۇنىتچىلارغا يۈزلەندۈرۈلگەن پىروگراممىلار ھەقسىز كۆرسىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كەڭ بەلباغ ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار دورا، ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلدى

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك كارخانىسى پۈتۈن مەملىكەتكە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تۈرلۈك دورىلارنى ئىئانە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قوللىدى، ماسلاشتى.

شىنجاڭ يىندولەن ۋېيياۋ پاي چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر چاغان مەزگىلىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، يۈزدەيۈز ئىش باشلاش ئارقىلىق، بازار تەمىنلەش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا يۇقۇم رايونلىرىغا 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 1300 يەشىك مۇرەككەپ رېتسېپلىق يىجىخاۋ جەۋھىرى ئىئانە قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى ۋىرۇسلۇق زۇكام دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى قاتارلىق كىلىنىكىدا ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەپچىقاردۇق».

شۇ كۈنى كەلپىن ناھىيەسىدىكى شېڭچۈەن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىمۇ 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى «چاڭشوۋ شېڭگو» ماركىلىق قويۇلدۇرۇلغان چامغۇر سۇيۇقلۇقىنى ئىئانە قىلدى. شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ۋۇخەنگە 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى زۇكام جەۋھىرى ئىئانە قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، لۇ فېڭباۋ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى