تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

   تىيانشان تورى خەۋىرى   خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلە يىپ ئۇچىنى پاش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدۇ، ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

   بىرىنچى، قوبۇل قىلىش دائىرىسى

1. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر؛

2. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى؛

3. مۇھىم يۇقۇم ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلماي يوشۇرۇپ، چالا مەلۇم قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىپ، خاتا مەلۇم قىلىپ، يالغان مەلۇم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛

4. تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماسلىق، خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىش، بۇيرۇققا قارشىلىق كۆرسىتىش، جىددىي پەيتتە چېكىنىش، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىش، خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر؛

5. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالارغا خىيانەت قىلىش، بۇلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛

6. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر.

   ئىككىنچى، پاش قىلىش ئۇسۇلى

   تېلېفوندا پاش قىلىش: 12388ـــ0991 (24 سائەت قوبۇل قىلىدۇ).

   تور بېكەتتە پاش قىلىش: http://xinjiang.12388.gov.cn

   ئۈندىداردا پاش قىلىش: «新疆纪检监察» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى

   جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، پائال تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پاش قىلغۇچى ۋە پاش قىلىش مەزمۇنىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ، پاش قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى