تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش بازارلىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك، مال باھاسى مۇقىم بولدى

ئۈرۈمچى شەھىرى خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى ياشلار يولى دۇكىنىدا كۆكتات بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى ياشلار يولى دۇكىنىدا مېۋە-چېۋە بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بازارلاردا تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، مال باھاسىمۇ ئومۇمەن مۇقىم بولدى.

چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى قەتئىي ئۆستۈرمەسلىككە ۋەدە بەردى

1- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتە مۇخبىر خاۋجياشياڭ تاللا بازىرىنىڭ ياشلار يولىدىكى دۇكىنىدا، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق تۈرلۈك قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ يەنە تېخى ئېتىبار باھادا سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كۆكتات سېتىش رايونىدا، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تۇمانلىتىش ئارقىلىق يېڭى پېتى ساقلانغان بولۇپ، كۆپ قىسىم شەھەر ئاھالىسى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى تاللاۋاتاتتى، «بۈگۈن جۈخۇاسەي خېلىلا ئەرزان ئىكەن، بىر كىلوگىرامى 4.69 يۈەن، چىڭسەينىڭ ھەر كىلوگىرامى 2.9 يۈەن، بۇ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئادەتتىكىدىن كۆپ پەرقلەنمىدى» دېدى دائىم بۇ تاللا بازىرىدىن كۆكتات سېتىۋالىدىغان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى خۇڭيىڭ.

مېۋە-چېۋە سېتىش رايونىدا، نەچچە ئون خىل مېۋە سېتىشنى تېزلىتىش ھارۋىسىغا لىق تىزىلغان ئىدى. بايىلا جازىغا قويۇلغان كىچىك جۈزە رەڭگىنىڭ ئوچۇقلۇقىدىن كىشىنى جەلپ قىلاتتى، بۇنىڭ ھەر كىلوگىرامى 8.9 يۈەن بولۇپ، بەش-ئالتە شەھەر ئاھالىسى ھارۋىنى چۆرىدەپ كىچىك جۈزە تاللاۋاتاتتى. «ھازىر كىچىك جۈزىنىڭ باھاسى چاغاندىن ئىلگىرىكىدىنمۇ ئەرزان، سۈپىتى تېخى چاغاننىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدىكىدىنمۇ ياخشى ئىكەن» دېدى كىچىك جۈزە تاللاۋاتقان خېرىدار ليۇ يەنلى.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ خۇيجيا شېدەي تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ كارخانا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى قەتئىي ئۆستۈرمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. «كارخانىمىزنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خۇيجيا تاللا بازىرى ۋە خاۋجياشياڭ تاللا بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 دۇكىنى مال مەنبەسىنى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئاۋام ئىستېمال قىلىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چاغاندىن بۇرۇن ئىسكىلاتلارنى لىق تولدۇردى، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار ھەر كۈنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزىدىن ھەرقايسى دۇكانغا توشۇلۇپ، ھەرۋاقىت تولۇقلىنىپ تۇردى» دېدى شىنجاڭ خۇيجيا شېدەي تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتى مەمۇرىي باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جېي.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ خۇيجيا شېدەي تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتى يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم ماسكىنى ھەرقايسى دۇكانلاردا سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

1-ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىر نەنمېنغا جايلاشقان ئەيجيا تاللا بازىرىدا مال بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ئاۋام كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ يېڭى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا باھاسىنىڭمۇ ئەرزانلىقىنى، كۆپ قىسىم كۆكتاتلارنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ بەش يۈەندىنمۇ ئەرزان سېتىلىۋاتقانلىقىنى، چاغاندىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا قىسمەن گۆش تۈرى باھاسىنىڭ سەل تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا زاپاس كۆكتاتلار داۋاملىق تارقىتىلىدۇ

1- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردىكى 400 دىن ئارتۇق كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ زاپاس كۆكتاتلارنى تارقىتىش باشلانغان، چاغان مەزگىلىدە نورمال تارقىتىلغان، تاكى 2020-يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە نورمال تارقىتىلىدىكەن.

1- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتە، مۇخبىر غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، بەش-ئالتە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ پۇل تۆلەۋاتقانلىقىنى، بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا سېتىلىۋاتقان كۆكتاتلارنىڭ لازا، شوخلا، ئورگانىك چېچەكسەي، ماۋچىڭسەي، شەنياۋ، جاڭدۇ قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئىكەنلىكىنى كۆردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭمېن كوچىسى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ئالغا غەربىي يولى مەھەللىسىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا مۇخبىر تۆت-بەش شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، دۇكاندىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا كۆكتات باھاسى، ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ئۇچۇرىنىڭ ئالمىشىپ چىقىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) بازار ھەرىكىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش-تەڭشەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ گۇاڭچىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، تاللا بازىرى ۋە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىدە تىجارەت توختاتماسلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بازار تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى