تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماسكا باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلارنى 12315گە تېلېفون قىلىپ پاش قىلىڭ

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ماسكا، دېزىنفېكسىيە قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش بۇيۇملىرى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئەسۋابلىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنىڭ بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنىڭ بازار باھاسى تەرتىپىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. كەڭ ئامما پائال نازارەت قىلىشى، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھا ئۆستۈرۈش، باھانى قالايمىقان ئۆستۈرۈش ياكى باھاغا دائىر باشقا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، ۋاقتىدا 12315گە تېلېفون قىلىپ پاش قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باھا قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، باھا ئۆسكەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، بازاردا تەمىنلەش قىس بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ بېسىپ قويۇش، سېتىش باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھا ئۆستۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك. كەڭ تىجارەتچىلەر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلغان ھالدا تىجارەت قىلىپ، ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى قانۇنلۇق، مۇۋاپىق يۈرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە تۈزگەن باھاغا ئارىلىشىش تەدبىرى ۋە جىددىي تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باھانى ئېنىق يېزىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى