

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئۆز مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): «ماشىنا ئىسكىلاتىمدا يەنە بىر تۈركۈم تېببىي ماسكا ۋە «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بار، بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرسەم، ئاھالىلەرگە تارقىتىپ بېرەرسىلەر!» 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى ئەمگەك بىخەتەرلىكى مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى بازىرىدا تىجارەت قىلىدىغان يۈ باۋفېڭ 2700 تېببىي ماسكا، 2000 ئاياغ قاپلىغۇچ، 100 تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ۋە سەككىز يەشىك «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا تۇتقۇزدى. يەنە، لەنتيەن سېنلىن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق، جىنلياڭيۈەن بازىرىدا سودا قىلىدىغان مو ۋېنجۈن دۇكىنىدىكى 2000 تېببىي ماسكىنى ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. مو ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: شارائىتى يار بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.