تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈچ تارماق يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلىگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خوڭشيا، شېن چېڭ خەۋىرى) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى قۇتقۇرۇش-داۋالاش خىراجىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ، ئالاقىدار كاپالەت سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بىرلىكتە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقانىدى. بۇ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»تا ئۈچ تارماق تەلەپ بويىچە بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، يۇقۇم تارقالغان مەزگىلدە سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن گۇمانىي بىمارلار(باشقا جايدا داۋالانغان بىمارلانىمۇ ئۆز ئىچگە ئالىدۇ)نىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىقلار بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن، شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىغا داۋالانغان يەرلىكتىكى بەلگىلەنگەن ئورۇن مالىيە ياردەم پۇلى سىياسىتىنى بېكىتىپ ھەمدە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى يولغا قويىدۇ، مەركەز مالىيەسى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ياردەم بېرىدۇ.

  قوشۇمچە ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باشقا جايدا داۋالانغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ شەخسىي ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى داۋالىنىش ئورنى «مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىراجەت كاپالىتى سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. يەنى، باشقا جايدا داۋالانغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى قاتارلىقلار بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن، شەخسىي ئۈستىگە ئالغان قىسمىغا مالىيە ياردەم پۇلى بېرىدۇ. كېرەكلىك مەبلەغنى داۋالانغان جايدىكى مالىيە ئالدىن چىقىم قىلىدۇ، مەركەز مالىيەسى داۋالانغان جايدىكى مالىيەگە ئەمەلىي چىقىم قىلىنغان خىراجەتنىڭ %60ى بويىچە ياردەم بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، تولۇقلىما ئۇقتۇرۇشتا يەنە جايلاردىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار دورا ۋە خوراش تىپىدىكى ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ۋە باھاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇر توپلاپ يۇقىرىغا يوللاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى