تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى مائاش قانداق تارقىتىلىدۇ؟ ئۆي قەرزى، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزى قانداق قايتۇرۇلىدۇ؟ جاۋاب بۇ يەردە

  جۇڭگو ئاخبارات تورى ئابونىچلار تېرمىنالى، بېيجىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىنلېي) يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ مەزگىلدىكى مائاشى قانداق تارقىتىلىدۇ؟ ئۆي قەرزى، ئىناۋەت كارتا قەرزىنى كېچىكىپ قايتۇرۇرۇشقا بولامدۇ؟ ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت بۇ مەسىلىلەر نوپۇزلۇق جاۋابقا ئېرىشتى.

  ئايرىپ داۋالاش مەزگىلىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىش ھەققى بېرىلىشى كېرەك

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى «يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى مائاش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى، گۇمانىي ئاغرىقلار، يېقىندىن ئۇچراشقانلار ئايرىپ داۋالاش مەزگىلىدە ياكى تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئايرىش تەدبىرى قوللانغانلىقتىن ياكى باشقا جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، نورمال ئەمگەك قىلالمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كارخانا بۇ مەزگىلدىكى خىزمەت ھەققى بېرىشى ھەمدە ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 40-، 41-ماددىسىغا ئاساسەن، ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماسلىقى كېرەك.

    بۇ مەزگىلدە ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قالغان بولسا، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش ۋاقتى، تېببىي كۆزىتىش ۋاقتى، ئايرىش ۋاقتى ئاياغلاشقانغا ياكى ھۆكۈمەت قوللانغان جىددىي تەدبىرلەر ئاخىرلاشقانغا قەدەر كەينىگە سۈرۈلىدۇ.

  ئىشتىن توختىغان مەزگىلدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نورمال ئەمگەك قىلمىسىمۇ تۇرمۇش پۇلى تارقىتىلىشى كېرەك

     ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كارخانىلارنىڭ ئىش توختىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان ۋاقتى بىر مائاش دەۋرى ئىچىدە بولسا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بېرىشى كېرەك. بىر  مائاش دەۋرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نورمال ئەمگەك قىلغان بولسا، كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بەرگەن مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

   ئىشچى-خىزمەتچىلەر نورمال ئەمگەك قىلمىغان بولسا، كارخانا تۇرمۇش پۇلى بېرىشى، تۇرمۇش پۇلى ئۆلچىمى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلىگەن چارە بويىچە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ۋاقتىنچە كىرىمى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆي قەرزى، ئىناۋەت كارتىسى قەرزىنى قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ

  جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى «بانكا كەسپى، سۇغۇرتا كەسپى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرگە كرېدىت سىياسىتى جەھەتتە مۇۋاپىق مايىللىشىپ، تۇرالغۇ رەنىلىك قەرزى، ئىناۋەتلىك كارتا قاتارلىق شەخسىي ئىناۋەت قەرزىنى قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى جانلىق تەڭشەپ، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك.

    دېمەك، ئەگەر سىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ۋاقتىنچە كىرىم مەنبەيىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆي قەرزى، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈپ قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا توختامغا خىلاپلىق قىلغان خېرىدارلار تىزىملىكىگە كىرىپمۇ قالمايسىز.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ۋاقتىنچە كىرىم بولمىغاندا، قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلغان خېرىدارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ

  جۇڭگو بانكا كەسپى جەمئىيىتى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بارلىق ئەزا ئورۇنلارغا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتناشقان تېببىي خادىملار، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان خادىملار يۇقۇم مەزگىلىدە شەخسىي قەرز پۇل، ئىناۋەتلىك كارتا چىقىمىنى قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلغاندىن كېيىن قايتۇرسا، توختامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالمايدۇ، توختامغا خىلاپلىق قىلغان خېرىدارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قەرز پۇلى ياكى مەخسۇس تۈر قەرز پۇلى بېرىش، ئۆسۈمدە ئالاھىدە ئېتىبار قىلىش، ئالاقىدار رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى.

  ھازىر بەزى بانكىلار مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولدى، قۇرۇلۇش بانكىسى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتناشقان داۋالاش خادىملىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شەخسىي قەرز پۇل، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى قايتۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە، توختامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك ئابونىچىلىرى قەرز بولسىمۇ توك توختاتماسلىق تەدبىرى قوللىنىلىدۇ

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك ئابونىچىلىرى قەرز بولسىمۇ توك توختاتماسلىق تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. تىجارەت تور نۇقتىلىرى ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشى كېرەك. ئابونىچىلارنى توك ھەققى تاپشۇرۇش، توك پۇلىنى تەكشۈرۈش، كاشىلا كۆرۈلسە رېمونت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى توردا بېجىرىشكە يېتەكلەپ، 95598 تېلېفونى، توردىكى دۆلەت تورىنىڭ بىر ھەپتىدىكى 24 سائەتنىڭ ھەمممىسىدە مۇلازىمەتنى توختاتماي، خېرىدارلارنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ كەسىپ بېجىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى