تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يېقىندا بازارغا 2 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا سېلىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ما بېي) شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كېسەللىك مىسالىنى دوكلات قىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بازارغا 4 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا سالدى، يېقىندا يەنە 2 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا شىنجاڭدا زاپاس ساقلىنىپ، بىر-بىرلەپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنى ماسكا بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ جيەندۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىكى ماددىي ئەشياغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ، بىرى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان، ئاساسلىقى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىشىغا كېرەكلىك دورا ۋە ماددىي ئەشيالار، بۇ جەھەتتىكى تەمىنات بىر قەدەر يېتەرلىك، دوختۇرخانىلارنىڭ قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرالايدۇ.

  يەنە بىرى، ئاساسلىقى شەھەر ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۇيۇملىرى، بىرىنچى خىلى ماسكا. چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەمىنلەش جىددىيلىكىنىڭ تەسىرىدە، بازاردا ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان ماسكا بىر قەدەر قىس بولدى، لېكىن تەمىنلەش پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدە، بىز ئارقا-ئارقىدىن بازارغا 4 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا سالدۇق. 1- ئاينىڭ 27-كۈنى، بازارغا يەنە 50 مىڭ ماسكا سېلىندى . 2-3 كۈن ئىچىدە يەنە 2 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا شىنجاڭدا زاپاس ساقلىنىدۇ. لېكىن ماسكا بىر قېتىمدىلا ئەمەس، بەلكى بىر-بىرلەپ بازارغا سېلىنىدۇ» دېدى گاۋ جيەندۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

   نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالدى، نېمە ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا ئەمەس، بىر-بىرلەپ بازارغا سېلىنىدۇ؟ گاۋ جيەندۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ماسكا بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، بىر قېتىمدىلا نۇرغۇننى سېتىۋىلىپ يىغىۋالىدۇ، بىر-بىرلەپ بازارغا سېلىشنىڭ سەۋەبى بىر ئادەمنىڭ كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، باشقا شەھەر ئاھالىلىرى سېتىۋالالمايدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا بىر-بىرلەپ تەرتىپلىك بازارغا سېلىنىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاز-ئازدىن سېتىۋېلىشىنى، بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ سېتىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز، مۇشۇنداق بولغاندا كېيىنكى تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ».

   ئىككىنچى تۈردىكى كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ماددىي ئەشيا دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىدۇر، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قانچە زاۋۇتنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 80 توننىدىن ئاشقان بولۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدىكەن.

  يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇشىدىن باشقا، كارخانىلارمۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ يۇقۇم ئەھۋالىغا زەربە بەردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ جۇڭتەي(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېقىندا كارخانىلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ جەمئىيەتنى ئىشقار(碱)، خلور(氯)، گىپوخلور(次氯酸钠)، ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى(双氧水) قاتارلىق دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ ئەسلىي سۇيۇقلۇق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچىنى دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئىش توختىتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن داۋالاش سايمان-ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەرلىك تەمىنلىدى؛ 131 دورا، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ئوبوروت كارخانىسى مۇنداق ۋەدە بەردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، دورا، داۋالاش سايمان-ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىمىز، مالنى بېسىپ قويمايمىز، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرمەيمىز، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى