تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دوڭمېي خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئەسلىدە بېكىتىلگەن 2-ئاينىڭ 2-كۈنى پۈتۈن شەھەردىكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى بىر جۈپلەرنىڭ يېقىندا، بولۇپمۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى قاتارلىق كۈنلەردە ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشنى توپلىشىپ بېجىرمەسلىكنى ئەسكەرتكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يەنروڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى بېجىرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ تەدبىردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، ئادەم توپلىشىش سەۋەبلىك گىرەلەشمە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەھەر ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى يېڭى بىر جۈپلەرگە ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ۋاقتىنى قايتىدىن تاللاش، ئىمكانقەدەر 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى قاتارلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىدىغانلار يۇقىرى دولقۇنغا چىققان كۈنلەرنى تاللىماي، توپلىشىپ تىزىملىتىشتىن ساقلىنىش تەكلىپى بەردى.

  ۋاڭ يەنروڭ مۇنداق دېدى: «بەختلىك تۇرمۇش قىز-يىگىت ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ، ھېسسىيات چوڭقۇر بولسىلا، ھەرقانداق كۈن ياخشى كۈن، ھەرقانداق كۈن بىردىنبىر ھېسابلىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى