تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تارماقلىرى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە توك پۇلى قەرز بولسىمۇ توك توختىتىلمايدۇ

1- ئاينىڭ 25- كۈنى، دۆلەت ئېلېكتر تورى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى شەھەر رايونى توك بىلەن تەمىنلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى شۆبە دوختۇرخانىسىدا يۇقىرى بېسىملىق ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى)

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى يىفېڭ، دۇڭ پىڭ): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە تارماقلىرى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق مۇھىم ئابونىچىلارغا قارىتا ئۈزۈلدۈرمەي چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىشەنچىلىك توك بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاھالىلەر، ئابونىچىلارغا قارىتا توك ساقلاش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، توك پۇلى قەرز بولسىمۇ توكنى توختاتمىدى.

1- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، 1-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە تارماقلىرى مۇھىم سورۇنلارنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئالاقە كاپالەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئەسلىدىكى چاغانلىق توكقا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسى ئاساسىدا، جىددىي تاقابىل تۇرۇش رېمونت قىلىش بويىچە 2-سەپ قۇرۇپ، تېلېفوننىڭ 24 سائەت راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە دەل ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، نۇقتىلىق دوختۇرخانا، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان مۇھىم ئورۇنلارنىڭ توك بىلەن جىددىي تەمىنلەش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 24 سائەت ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى توك ئىشلىتىش كاشىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك قىلدى. جىددىي تاقابىل تۇرۇش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق مۇھىم ئابونىچىلار بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئالاھىدە ئىشلارنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، توك بىلەن تەمىنلەش سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ئورۇنلار ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالىنى يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچىدە تۆت تىجارەت زالى تەسىس قىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، يېزىلاردا بىردىن تىجارەت ئورنى قۇرۇپ نورمال تىجارەت قىلدى ھەمدە توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 95598نىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلگىرىكى توك بىلەن تەمىنلەش ئادىتى بويىچە، مۇھىم، چوڭ بايرام مەزگىلىدە، توك پۇلى قەرز بولسىمۇ توك توختاپ قالمىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، توك ئىشلىتىدىغان ئاھالىلەرگە توك پۇلى قەرز بولسىمۇ توك توختىماسلىق تەدبىرى قوللىنىلدى.

يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىچىدىكى تۈرلۈك ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشقا قايتىدىن كىرىشىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى، ھەرقايسى توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت زالى، يېزا-بازارلىق توك بىلەن تەمىنلەش ئورنى قاتارلىق ئادەم زىچ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تازىلىق، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت ئورنىغا قارىتا رايون بويىچە ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىلىپ، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش لازىمەتلىكلىرى تارقىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى