تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

− ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش - بىرتەرەپ قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋجۈننى زىيارەت

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويدى، بۇ تەدبىر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئامما يەنە قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش - بىرتەرەپ قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋجۈننى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئالاقىدار سىياسەت ھەم تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن بويىچە ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغانلىقى ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى − تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى يۈزبەرگەندە، ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى، خەۋپ دەرىجىسى، چېتىلىش دائىرىسىگە ئاساسەن، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى پەۋقۇلئاددە چوڭ (1 - دەرىجىلىك)، چوڭ (2 - دەرىجىلىك)، چوڭراق (3 - دەرىجىلىك) ۋە ئادەتتىكى (4 - دەرىجىلىك) دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۇنجى كېسەللىك مىسالى بايقالغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككى ۋىلايەت، ئوبلاستتا سىرتقى ئۆلكىلەردىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرگەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى كېسەللىك مىسالى بايقالدى. ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مەسلىھەتلىشىپ، ھۆكۈم قىلىپ مۇنداق قارىدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق لايىھەسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملار ۋە ئالاقىدار لايىھەگە ئاساسەن، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھە يولغا قويۇلدى.

كۆپچىلىك شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، زۆرۈر بولمىغان ئۇچرىشىشلارنى ئازايتىشى كېرەك

ۋاڭ شياۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك سىرتقا چىقىشنى ئامال بار ئازايتىشى، يېپىق، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشى، يۇقۇم رايونىدىن قايتقان خادىملار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئامال بار ئازايتىشى، ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇم يۈزبەرگەن جايلارغا بېرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.

كۆپچىلىك ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ، قەرەللىك ھالدا دېرىزىنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن، ھايۋاناتلارنىڭ چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇ+سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولىنى يۇيۇشى، ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشى، ھەر قېتىم قولنى ئاز دېگەندە 20 سېكۇنت يۇيۇش كېرەك. يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە قەغەز ئىشلىتىش ياكى يەڭ بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى توسۇۋېلىپ، چاچراندىلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: خۇبېي ۋۇخەندە تۇرۇش تارىخى بولغان كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىشى، تەلەپ بويىچە ئايرىۋېتىلىشى كېرەك. ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەردە قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، تېزدىن ماسكا تاقاپ دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كۆرۈنۈپ، تېببىي خادىملارغا يېقىنقى مەزگىلدىكى بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىلمىي، ۋاقتىدا دىياگنوز قويۇپ داۋالىشىنى ئۈنۈملۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پاكىزلاش - تازىلاشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ۋىرۇس پەيدا بولىدىغان ۋە تارقىلىدىغان تۇپراقنى يوقىتىشى كېرەك. ھەرقايسى ئورۇن، سودا بازىرى قاتارلىقلار تازىلاش، تۈزەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پاكىز، رەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغدىنىشنى ياخشى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا ماسكىنى توغرا تاقىشى كېرەك، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، N95 تىپلىق ماسكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتالايدۇ، ئەگەر دائىم ۋوگزال، ئايروپورت قاتارلىق جايلارغا بارىدىغانلار بولسا ماسكىنى ئەڭ ياخشىسى 4 - 2 سائەتتە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇشى كېرەك.

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئىشىك تۇتقۇچى، يۆلەنگۈچ، لىفىت كۇنۇپكىسىنى ئىمكانقەدەر تۇتماسلىقى، سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن قولىنى ئەستايىدىل يۇيۇشى، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تىرىك بېلىق قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قولىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.

ۋاڭ شياۋجۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپچىلىك لالما ئىت، مۈشۈكلەر بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشماسلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى يېگىلى بولىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك. ئائىلىدە تاماق يېگەندە، ئورتاق ئىشلىتىدىغان چوكا تەييارلاپ، بۆلۈپ غىزالىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئازايتىش كېرەك، ئوپچە تاماق يېمەسلىكنى، ئېلېكتىرونلۇق ھېيتلاش قاتارلىق چاغانلىق بەخت تىلەش شەكلىنى قوللىنىپ، سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ