تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈردى

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سايباغ رايونى «1 - ئاۋغۇست» تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆز تەۋەلىكىدە دېزىنفېكسىيە قىلىپ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى بىنالارغا بىردەك تەشۋىقات ئېلانلىرىنى چاپلىدى ھەم ئاھالىلەرگە ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئاسراشنى كۈچەيتتى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرى، كورلا شەھىرى، غۇلجا شەھىرىدىكى قىسمەن چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى، مېھمانساراي ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق ئادەم بىرقەدەر زىچ توپلىشىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارنى زىيارەت قىلدى، بۇ سورۇنلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرگەن بولۇپ، ھەممىسىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەر قوللىنىلغان.

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 13تە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق شىمالىي يولى 548 - نومۇرغا جايلاشقان دوستلۇق مېھمانسارىيىغا كەلدى. مېھمانساراي زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، ئايرىش كىيىمى كىيگەن ھەم كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىغان ئىككى خىزمەتچى خادىم ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن مېھمانسارايغا كىرگەن مېھمانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەۋاتاتتى.

دوستلۇق مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى لى دېفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ، مېھمانسارىيىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشلاپ، زالنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى، ئالاھىدىلىكى ھەم رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ چاپلىدۇق؛ باش مۇلازىمەت سۇپىسى ھەم ياتاقلارغا ئىللىق ئەسكەرتمە كارتىسى قويدۇق؛ رادىيودا ئاڭلىتىش شەكلى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدۇق، چۈشەندۈردۇق. خىزمەتچى خادىملار چاغان كېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن چاغانلىق تاماق زاكاز قىلىپ بولغان مېھمانلارغا تېلېفون قىلىپ، يىغىلىشنى ئىمكانقەدەر ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى ھەم ھەق قايتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. مېھمانساراينىڭ ئاممىۋى رايونىنى ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلدۇق، مېھمانساراينىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرگەن بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچى - سىرتىنى دېزىنفېكسىيە قىلدۇق؛ يېمەك - ئىچمەك بۆلۈمى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ مېھمانخانا بۆلۈمى 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى لەيسۇشۈي بىلەن 298 ياتاقتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىرىش ئېغىزى، تېلېفون، تىزگىنەك، توك بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ئۈزچات قاتارلىقلارنى سۈرتتى ھەم مەخسۇس دېزىنفېكسىيە تۇڭى ۋە مەخسۇس دەسمال ئىشلەتتى، ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم مېھمانسارايدىكى بارلىق مېھمانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئەگەر مېھمانلار ياكى ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەردە قىزىش قاتارلىق گۇمانىي ئالامەتلەر بايقالسا، دەرھال مېھمانساراينىڭ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەم ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارغا مەلۇم قىلدى.

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 16لەردە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا باردى. بۇ بازار تاقالغان ھالەتتە بولسىمۇ، بازارنىڭ كىرىپ - چىقىش ئېغىزىدا يەنىلا دىجورنى خادىملار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كىرگەن ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتاتتى ھەم ئاپتوموبىللار ۋە شوپۇرلارنىڭ كەلگەن جايىنى تىزىملاۋاتاتتى.

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر غۇلجا شەھىرىدىكى شىنماۋيې مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە كىرگەن خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەۋاتقانلىقىنى كۆردى. شىنجاڭ ماۋيې خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ بىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ، مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ ئالتە كىرىش ئېغىزىدا خىزمەتچى خادىملارنى يەر يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەشكە، كىرگەنلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا تىجارەتچىلەرگە ھەقسىز ماسكا تارقىتىپ بېرىپ، ھەربىر دۇكاندارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.

كورلا شەھىرىدىكى ھاراق زىياپىتى، زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالالايدىغان 20 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يېمەك - ئىچمەك كارخانىسى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە 2453 ئۈستەللىك زىياپەتنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى فۇ شياڭلۇڭ، شيا چىڭ، جەزىرە نېسىپبېك، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شۇاڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى