تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيىدىغانلىقىدەك سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلاپ، پۇختا ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلار، ئورۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەملەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، تارقاقلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا كەلگەنلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۆتكىلىپ يۈرىدىغان ئادەملەرگە قارىتا يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، ھىم ئېتىك قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارغا قارىتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە سەھىيە ئىلمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۇمانىي كېسەللىك مىسالى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىۋېتىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، كېڭىيىشىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش قوشۇنىنى تولۇقلاپ، دىياگنوز قويۇش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئېغىر كېسەللىك مىساللىرىنى ئۇنىۋېرسال كۈچى كۈچلۈك بولغان بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىراجىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ داۋالاش - سەھىيە خادىملىرىغا ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچى، كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ماددىي ئەشيا ۋە كۈچ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ماسكا، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، داۋالاش دورىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئاممىۋى سەھىيە ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئۇپرىما ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بەشىنچى، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئىلمىي، ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى كەڭ تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋاقتىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، توسۇپ زەربە بېرىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇش، خىزمەت مەسئۇلىيىتى جايىدا بولۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى جايىدا بولۇش، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك ئايرىش جايىدا بولۇش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش جايىدا بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ