تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭلىق ئاتاقلىق مۇزىكانت نۇسرەت ۋاجىدىن ناخشا ئىجاد قىلىپ ۋۇخەنگە بەخت تىلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى خەۋىرى) يېقىندا، «تۆت پەسىل گۈزىلى» ناملىق ناخشا توردا كەڭ تارقالدى، بۇ ناخشا خۇبېي خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مېلودىيەسى بىلەن نۇرغۇن تورداشنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ ۋۇخەننىڭ گۈزەل تۆت پەسلى كۈيلەنگەن ناخشا بولۇپ، تېكىستىنى «مەن سېنى سۆيىمەن، جۇڭگو»نىڭ تېكىستىنى يازغۇچى جەي سۇڭ يازغان، مۇزىكىسىنى شىنجاڭدىكى داڭلىق مۇزىكانت نۇسرەت ۋاجىدىن ئىشلىگەن.

  بۇ ناخشىنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامى نۇسرەت ۋاجىدىن يېقىندا مۇنداقلا كۆرۈپ قالغان بىر پارچە شېئىر-- جەي سۇڭ يازغان «تۆت پەسىل گۈزىلى»دىن كەلگەن، «بۇ شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى، ۋۇخەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بۇ شېئىرىي مىسرالارنى ئوقۇپ،  ۋۇخەننىڭ نۆۋەتتىكى جاپا-مۇشەققەتلىرىدىن ناھايىتى ئازابلاندىم. بىر خىل كۈچلۈك ھېسسىيات مېنى بىرەر ئىش قىلىشقا ئۈندىدى» دېدى ئۇ.

  نۇسرەت ۋاجىدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ۋۇخەنگە بارغان، چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ قىزىل شەپەقنىڭ ئاسمانغا يېيىلغانلىقىنى كۆرگەن، چوڭ- كىچىك كوچىلاردا مىللىي ئۆرپ- ئادەت جىلۋىسىنى ھېس قىلغان، ھەر قېتىم بارغىنىدا ناھايىتى ياخشى تەسىراتلارغا ئىگە بولغانىدى، بۇلارمۇ ئۇنىڭ بۇ شەھەر ئۈچۈن بىر ناخشا ئىجاد قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، نۇسرەت ۋاجىدىن ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ شېئىرنى نوتىغا سالدى. بۇ قېتىم ئۇ خۇبېي خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئېلېمېنتىنى قوبۇل قىلىپ ئىجاد قىلىشنى سىناپ كۆردى. ئارقىدىن ئۇ ناخشىچى ۋە ئالاقىدار خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ناخشىنى ئېيتقۇزۇپ، ئۈنگە ئېلىپ، بەش كۈندە بارلىق خىزمەتنى تاماملىدى.

  مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، ئايال ناخشىچىنىڭ سۈزۈك، يېقىملىق ئاۋازى ياڭرىدى، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ سالاپىتى ۋە گۈزەللىكى بۇ ناخشا بىلەن تەڭ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كەلدى.

  «بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، مەن قەھرىمان شەھەر ۋۇخەنگە سالام يوللىدىم، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ناخشا ئارقىلىق بۇ گۈزەل شەھەرنى ئېسىدە ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى نۇسرەت ۋاجىدىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى