تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋاكسىنا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ! سىزگە 30 خۇشخەۋەرنى يەتكۈزەي!

1. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلاپ، ۋىرۇسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقىپ، غول ۋىرۇس تۈپىنى تاللاۋاتىدۇ.

2. ھازىر ۋۇخەنچە «شاۋتاڭشەن» خوشېنشەن دوختۇرخانىسى جىددىي سېلىنىۋاتىدۇ. 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەربىي تەرەپنىڭ باشقۇرۇشىغا پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. جياڭشيا رايونىغا جايلاشقان لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىمۇ تېز سۈرئەتتە سېلىنىۋاتىدۇ. 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ.

3. ئىككى كۈندىلا! ۋۇخەن كۆچمە خەۋەرلىشىشى خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدا تۇنجى 5G پونكىتىنى قۇرۇپ، تىببىي خادىملارنىڭ ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

4. دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تەجرىبە قۇتىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان يەتتە ئىشلەپچىقارغۇچىغا تېز تەستىقلاش يولى ئېچىپ بەردى.

5. تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تەجرىبە قۇتىسى سىناقتىن ئۆتۈپ،  گۇمانىي ئاغرىقلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا دىياگنوز قويۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلارغا تارقىتىلىشقا باشلىدى.

6. سودا مىنىستىرلىقى جياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ، ماسكا قاتارلىق 2 مىليوندىن ئارتۇق مال مەنبەسىنى ماسلاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.

7. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 14 مىڭ قۇر مۇداپىئە كىيىمى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 110 مىڭ جۈپ پەلەينى جىددى يۆتكىدى، 3 مىليون ماسكا، 100 مىڭ مۇداپىئە كىيىمى مەنبەسى، 2180 دانە مۇداپىئە كۆزەينىكىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

8. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مۇنداق ئۇقتۇرۇش قىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە دوختۇر، ئاغرىق قاتارلىق خادىملارنى توشۇغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ئالدىن يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

9. مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشقان تىببىي خادىملار ۋە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمەتچىلىرىگە ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

     10. 1-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر، خۇبېي ئۆلكىسى جەمئىي 1 مىليارد 30 مىليون يۈەن داۋالاش كاپالىتى مەبلىغىنى ئالدىن ئاجراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋۇخەن شەھىرىگە 702 مىليون يۈەننى ئالدىن ئاجراتتى.

11. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «كۆكتات سېۋىتى» مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمى يولغا قويۇلۇپ، ۋۇخەن بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى. ئاساسلىق كۆكتات تۈرلىرى چوڭ بەسەي، باۋسەي، لوبو، قىزىل بەسەي، سامساق مايسىسى، ئوسۇڭ، چىچەكسەي، چىڭسەي، ليەنئوۋ قاتارلىقلار.

12. خۇبىي ئۆلكىسى 24 سائەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى ئاچتى.

ۋۇخەن شەھىرى: 85396280-027،  85395866-027    مەزكۇر ئۆلكىدىكى باشقا شەھەر، ئوبلاستلار:  67122700-027

13. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ۋۇخەندىكى بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ قىزىتما ئامبولاتورىيەسى كېچە-كۈندۈز كېسەل كۆرىدۇ، قىزىغان ئاغرىقلار ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ياكى  يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان گۇمانىي ئاغرىقلارنى دوختۇرخانا چوقۇم قوبۇل قىلىپ، بىر تۇتاش داۋالايدۇ.

14. ۋۇخەن تاموژنىسى ئىمپورت قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەلگەن ھامان دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈش، جىددىي ئەھۋالدا تاموژنىدا ئاۋۋال تىزىملاپ ئۆتكۈزۈش، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئاخىرىدا تولۇقلاپ بېجىرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

15. سىچۈەندىن 138 نەپەر تىببىي خادىم، جېجياڭدىن 135 نەپەر تىببىي خادىم، شەندۇڭدىن 135 نەپەر تىببىي خادىم، خۇنەندىن 137 نەپەر تىببىي خادىم ۋۇخەنگە ياردەمگە كەلدى. بېيجىڭ دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى، جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق بېيجىڭدىكى ئالتە دوختۇرخانىدىن تەشكىللەنگەن ئادەتتىن تاشقىرى داۋالاش ئەترىتىمۇ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋۇخەنگە ئاتلاندى.

16. شياۋتاڭشەن سارس دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇخەنگە خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەمگە كەلدى: چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، جۇڭگو دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باشلىقى جاڭ يەنلىڭ ۋۇخەنگە جىددىي يېتىپ كەلدى.

17. جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى، دېباڭ تېز يوللانمىسى، شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشى قاتارلىقلار ۋۇخەنگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز توشۇيدۇ! تېلېفون نومۇرى: 950616 (جىڭدۇڭ)؛  13917258981، 18043320078 (دېباڭ)؛  95338 (شۈنفېڭ)

18. ئون تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋۇخەنگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ماددىي ئەشيالار ئالاھىدە يولىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئالاھىدە يول ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق تەشكىللىك قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

19. ئالى بابا 1 مىليارد يۈەن مەخسۇس تەمىنلەش فوندى تەسىس قىلىپ ۋۇخەنگە ياردەم بەردى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى بىۋاستە سېتىۋېلىپ، ۋۇخەن ۋە خۇبېيدىكى دوختۇرخانىلارغا نۇقتىلىق يەتكۈزۈپ بەردى.

20. ئالى جيەنكاڭ خۇبېيدىكى ئابونتلارغا قارىتىلغان ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، جىفۇباۋدىن «مۇتەخەسسىسلەردىن سوراش» كۆزنىكىنى ئىزدەپ ياكى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىلىق ئورۇنغا كىرىپلا تاپقىلى بولىدۇ، نەچچە يۈز كەسپىي دوختۇر توردا ھەقسىز كېسەل كۆرىدۇ، ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 8:30 دىن 24 كىچە.

21. 81 يۈرۈش E C M O (نەپەسلىنىش تەن سىرتىدىكى ئايلىنىش سىستېمىسى يۈرۈشلۈكى) شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى، ھازىر ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىغا تارقىتىلىۋاتىدۇ. E C M O يەنە سۈنئىي يۈرەك-ئۆپكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىدىكى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ داۋالاش ياكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈشتە قوللىنىدىغان داۋالاش ۋاسىتىسى، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسى.

22. جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھ) شىركىتى ئىئانە قىلغان 200 توننا دېزىنفېكسىيە دورىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلدى، ۋۇخەندىكى ھەرقايسى دۇكانلار گۈرۈچ، ماي قاتارلىق 160 نەچچە خىل ماددىي ئەشيانى جىددىي يۆتكەپ، قولايلىق دۇكانلاردىكى بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

23. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، رېنفۇ دورىگەرلىكى ئىئانە قىلغان 120 نەپەسلەندۈرگۈچ ۋە 2000 دانە ۋىرۇسقا قارشى ئىچىملىك ۋۇخەنگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى.

24. مېيدى گۇرۇھى سەيديەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك بارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى (ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ، مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسى، كىرئالغۇ، كىيىم قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئىئانە قىلدى.

25. جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى خۇبېينىڭ ۋۇخەنگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تىببىي خادىملارغا سۇغۇرتا كاپالىتى ئىئانە قىلدى، ھەر بىر ئادەمنىڭ كاپالەت سوممىسى 500 مىڭ يۈەن بولۇپ، خەۋپ-خەتەر كاپالەت ئومۇمىي سوممىسى 90 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ جۇڭگودىكى 180 مىڭ تىببىي خادىمنى قاپلىدى.

26. تەيكاڭ سۇغۇرتا گۇرۇھى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى، جۇڭنەن دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن تۇڭجى دوختۇرخانىسى قاتارلىق داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتلىرىغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان 10 مىليون يۈەن پۇل ھەمدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 150 مىڭ دانە تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ئىئانە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

27. بى گۈييۈەن1-ئاينىڭ 24-كۈنى 100 مىليون يۈەنلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى فوندى تەسىس قىلدى، بۇ فوند ئاساسلىقى ۋۇخەن ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە، جۈملىدىن ئوپېراتسىيە كىيىمى، مۇداپىئە كۆزەينىكى، ماسكا قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

28. خۇبېي تاشيول يولۇچى توشۇش گۇرۇھى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى شيېخې دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك 4-دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرىنى قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئىشقا بېرىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

29. جۇڭگو پىڭئەن سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە 8 مىليون كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تېببىي خادىمىنى ھەقسىز مەخسۇس خەۋپ-خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كىشى بېشى سۇغۇرتا سوممىسى 500 مىڭ يۈەن.

30. تيەنجىن ۋۇچىڭ دورا كارخانىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 2 مىليون يۈەنلىك تەجرىبە دورا قۇتىسى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلدى، خۇادا جىيىن ۋۇخەنگە 10 مىڭ كىشىلىك ۋىرۇس تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى ئىئانە قىلدى، رىجاۋ سەنچى داۋالاش سەھىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى 800 نەچچە يەشىك، جەمئىي 24 مىڭدىن ئارتۇق مۇداپىئە كىيىمىنى ۋۇخەنگە ئەۋەتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى