تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خەن تىڭ): 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى باھا ھەرىكىتىنى ئەسكەرتىش ئاگاھلاندۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كارخانىلارنى ئالاھىدە مەزگىلدە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى، ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەمەتجان ئابلا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم جايلاردىكى ماسكا قاتارلىق تېببىي بۇيۇملارنىڭ باھاسىدا داۋالغۇچ كۆرۈلۈش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋاقتىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، تىجارەتچىلەردىن ئادىل، قانۇنلۇق، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە باھا بېكىتىشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى باھاسى مۇۋاپىق تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ھەمدە قانۇن بويىچە باھانى ئېنىق يېزىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرۈش؛ ھايانكەشلىك قىلىپ، بازار باھاسىنى تىزگىنلەش؛ باھانى ئۆستۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ ۋە تارقىتىپ، باھانى ئۆستۈرۈۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن باھا تەكشۈرۈش، چارلاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنىغا خىلاپ باھا مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئىناۋەت جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ جيۇجۇتۇڭ تېببىي دورا چەكلىك شىركىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلاردىن ئالاھىدە مەزگىلدە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى، ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى قاتتىق مەنئىي قىلىشنى ئەسكەرتتى. بۇ كارخانا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ دورا دۇكانلىرىغا 250 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا تارقاتتۇق، بۇنىڭدىن باشقا ھەر كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مال تولۇقلاپ سېتىپ بەردۇق، توپ سېتىش باھاسى ئۆزگەرمىدى؛ تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى دورا ۋە دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى يېتەرلىك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردىكى تاۋار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، توردىكى تاۋار باھاسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، توردىكى ماسكا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق نۇقتىلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، تور تىجارەتچىلىرىنىڭ باھا ھەرىكىتى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ، 12314 نومۇرغا تېلېفۇن قىلىپ ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر تىپىك دېلولارنى ئاشكارىلايدۇ. بارلىق ئەرز ئۇچۇرلىرىنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى