تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھازىر «ئۆيدىن چىقماسلىق»نىڭ ئۆزى تۆھپىدۇر

شۈ چىڭگۇاڭ

«ئىش بولمىسا ئىمكانقەدەر ئۆيدىن چىقماسلىق»، «ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆيدە ئولتۇرۇش»... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرەكلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن كادىر ۋە ئامما چاغان مەزگىلىدە زۆرۈر بولمىغان تۇغقان يوقلاش، دوستلار بىلەن كۆرۈشۈش، جەم بولۇپ يىغىلىش-ئولتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادەم كۆپ سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر بارماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى. ئالاھىدە مەزگىلدىكى مۇشۇنداق بىر تاللاش دەل ئومۇمىيەتنى تونۇش، چوڭ قائىدىنى چۈشىنىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇش ھېسابلىنىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئېھتىمال يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1-سېپىدە تۇرمايدۇ، ئەمما بۇ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تۆھپە قوشۇش پۇرسىتىنىڭ يۇقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىمكانقەدەر ئۆيدىن «چىقماسلىق» ئارقىلىق، ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ياخشى ئىشلىگەندە، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە يىغىلىشىنى ئازايتىش ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى، كىشىلەر توپىنىڭ يىغىلىشىدىن بولغان تارقىلىش خەۋپىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ دەل ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقۇمغا زەربە بېرىشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتتە، ئۆيدە ئولتۇرۇپ چاغان ئۆتكۈزگەندىمۇ ئوخشاشلا ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كۈتۈنۈپ، «تىنچ» كۈچ توپلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ياخشى كىرىشىپ كەتكىلى بولىدۇ؛ يەنە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ پىكىرلىشىپ، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ يەنە بىلىم دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، قەلبتە «خىيال»لارنى قاناتلاندۇرۇپ، مەنىۋى دۇنيانى موللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئېنېرگىيەسىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

ھەممە بىر نىيەتكە كەلسىلا، تەيشەن تېغىمۇ يۆتكىلىدۇ. ھازىر بۇ مەيدان جەڭنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچى، شۇنداقلا بىز سىناقلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز ھەربىرىمىز بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ