تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 2020-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جىددىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپ (يەسلى)لەردە ئوقۇش باشلىغاندا ئادەم يىغىلىش سەۋەبلىك يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ھادىسىسى 1-دەرىجىلىك لايىھە خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپ (يەسلى)لەرنىڭ 2020-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى، كونكرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، مەكتەپ (يەسلى)لەر يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشى، ھەرقانداق يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىمەسلىكى كېرەك. تۈرلۈك پۇقراۋى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، جەمئىيەتتىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىمۇ مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى