تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دەي شياۋيې خەۋىرى): «بۈگۈن كەچتىكى ئائىلە يىغىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرايلى، يۇقۇم ئەھۋالى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جەم بولايلى.» 1- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى كوئېنلۇن شەرقىي كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋۇ ۋاڭشۇ تېلېفون ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر-بىرلەپ خەۋەر قىلدى، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى، ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن چاغان مەزگىلىدىكى يىغىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىك سىنلىق كۆرۈشۈش، ئۇچۇر يوللاش شەكلىدە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى يەتكۈزدى.
ۋۇ ۋاڭشۇ مۇنداق دېدى: مەن 84 ياشلىق مومام بىلەن بىللە تۇرىمەن، ئىلگىرى چاغاندا ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆيگە مۇبارەكلەپ كېلىپ، بىللە جەم بولۇش تامىقى يەيتتۇق. گەرچە يىغىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلگەن بولساممۇ، لېكىن ئائىلىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان مومامنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە چىدىماي، دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم. «ئويلىمىغان يەردىن يىغىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مومام ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويدى، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ خەۋەر كۆرۈپتۇ، تۈنۈگۈن ئاخشام ئاپام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئائىلە يىغىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرايلى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئەڭ مۇھىم دېدى.
شەھەر ئاھالىسى ليۇ يۆياڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدە شىخۇڭ يولىدىكى بىر ئاشخانىدا چاغانلىق تاماق يېيىشكە كېلىشكەنىدى، يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئۆيدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ، يىغىلىشنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. ليۇ يۆياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ جەمەتىدە 32 جان بار ئىكەن، ئۇ ئۈچ ھەپتە بۇرۇن چاغانلىق تاماق زاكاز قىلغان، يەنە زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان. «ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدۇق، ئاشخانىدىكىلەرمۇ بۇنى توغرا چۈشەندى، بىزگە تاماقلارنى تاماق قاچىلىرىغا سېلىپ ئوراپ بەردى، ئائىلىمىزدىكىلەر ئۆز ئالدىمىزغا ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ غىزالاندۇق.» چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە بارلىق ئائىلىلەردە تۇغقانلار سىنلىق چاغانلىق سالام يوللاشتى، گەرچە جەم بولۇپ بىللە تاماق يېيەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قەلبى يەنىلا بىر يەرگە جەم بولدى.
شەرقىي ئارقا كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، چاغاننىڭ 1-كۈنى، ئۇنىڭ ئاچىسى ئۈندىدار توپىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ تاماق يېيىشىگە ئازراق تەكلىپ-پىكىر بەرگەن. «ئائىلە ئەزالىرى بىردەك يىغىلىپ تاماق يېيىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، يەنە ئۆزئارا سىرتقا ئاز چىقىشنى، ئاز يىغىلىشنى، ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەسلىكنى، جەمئىيەتكە ئاۋارىچىلىق سالماسلىقنى تاپىلىدى.» جاڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە يىغىلىشنىڭ شەكلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۈندىداردا سىنلىق مۇبارەكلىشىپ، قىزىل بولاق ئاتسىمۇ ئوخشاشلا خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن.
1- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىر چاغانلىق تاماق زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان نۇرغۇن ئاشخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېقىندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېلېفون قىلىپ چاغان مەزگىلىدىكى تاماق يېيىش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئالتاي يولىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى فېڭ گاڭ مۇخبىرغا: «بۇ يىل چاغاندا تاماق زاكاز قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان خېرىدارلار يېرىمدىن ئاشىدۇ، ئاشخانىمىزمۇ بۇنى توغرا چۈشىنىدۇ. يەنە نۇرغۇن خېرىدار تاماق زاكاز قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتىنى تاللىدى، يۇقۇم ئەھۋالى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆيىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش تامىقى يېمەكچى بولۇشتى» دېدى.