
«1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتىن باشلاپ يۇقۇم ئەھۋالىغا دىققەت قىلدىم، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىلا ئويلىدىم.» 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، سۈن ۋەنلىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ خەۋەردىن نۆۋەتتە ماسكا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ ئەڭ قىس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى، دەل ئۇنىڭ دۇكىنىدا 2019-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سېتىش ئۈچۈن ساقلاقلىق ماسكىلار بولۇپ، شۇ ھامان خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ماسكىلارنى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى. «پۇلنى يەنە تاپقىلى بولىدۇ، جاننى قۇتقۇزۇش مۇھىم».
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن سۈن ۋەنلى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالاتاۋ شەھىرى ئاھالىسى بولۇپ، شۇ جايدا بىر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ئاچىدۇ، ئىشلەيدىغان توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇ دۇكىنىدا چاڭ-توزاندىن ساقلايدىغان، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىلارنىمۇ ساتاتتى.

ماسكىنى قەيەرگە ئىئانە قىلىمىز؟ ئۇ خوتۇنى ۋاڭ چى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالدى بىلەن يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان خۇبېي ئۆلكىسىنى ئويلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇبېي ئۆلكىسى بورتالا ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بۇ يىللاردا ئىككى جايدىكى خەلقمۇ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ئۇلارمۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن تىيانشاننىڭ تومۇرى بىر، خۇبېي بىلەن بورتالانىڭ قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر».
سۈن ۋەنلى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۇلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي بىزگە ياردەم بەرگەن، ھازىر قېرىنداشلىرىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتۈشىمىز كېرەك».

1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ، خوتۇنى ۋاڭ چى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى تۇەنفېڭ ناھىيەسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ھاۋالە قىلىپ، ئۇ جايدىكى ماسكىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى يول بويىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان تۇەنفېڭ ناھىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارغىمۇ ماسكا كەملىكىنى بىلدى. ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە، سۈن ۋەنلى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ماسكىلارنى ساندۇققا قاچىلاپ پوچتىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا كىرىش خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. شۇ كۈنى، سۈن ۋەنلى 6000 دانە ماسكىنى ئېلىپ قېلىپ، ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى، قالغان 11 مىڭ 490 ماسكىنى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى تۇەنفېڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە پوچتىدىن ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىدىن 10 مىڭ 690ى، سۈزگۈچ كىلاپانلىق ماسكىدىن 800ى بار ئىدى، جەمئىي 11 يەشىك مالنىڭ تېز يوللانما ھەققى 600 يۈەندىن ئاشاتتى.
«راستىمنى ئېيتسام، بىز ئۆزىمىز ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا پەقەت ئادەتتىكى ماسكىدىن 50 تاللا ئېپقالدۇق، چۈنكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر ماسكىغا بىزدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ بۇ ماسكىلارنى مۇۋاپىق تەقسىملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، جۇڭگو غەيرەت قىل! خۇبېي غەيرەت قىل! ۋۇخەن غەيرەت قىل!» دېدى ۋاڭ چى.
خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى تۇەنفېڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ماسكا تاقاش ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنىڭ بىرى، بۇ مەزگىلدە بىزگە ئوخشاش بىرىنچى سەپتە تۇرۇۋاتقان ھەقىقەتەن ماسكىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. سۈن ۋەنلى بىزگە تۇنجى بولۇپ ماسكا ياردەم قىلدى، بىز ئىئانە تېلېفونىنى ئالغاندا ناھايىتى تەسىرلەندۇق، بۇ ئەر-خوتۇننىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. شىنجاڭ خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى بىزنىڭ بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇشىمىزنى تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.