تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى يولۇچى توشۇش بېكەتلىرىدە يولۇچىلار ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە پائال ماسلاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدە زىيارەت قىلىش جەريانىدا، سەپەرگە چىققان يولۇچىلارنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسكا تاقاپ، ئۆزلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشىگە پائال ماسلاشقانلىقىنى كۆردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ يولۇچىلار بېكەتلىرى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل كۈتۈش ئۆيى، بېلەت سېتىش زالىنى تازىلاش سالمىقى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇردى ھەمدە بېكەتتىن كىرگەن، چىققان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېلەت سېتىش زالىدا، بىر خىزمەتچى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈردى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولغانلىرى بېلەت سېتىش زالىغا كىرىپ بېلەت سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچىلار ماسكىسىنى ئېلىۋەتكەن ئەھۋالغا يولۇققاندا، خىزمەتچى خادىملار ئالدىغا بېرىپ قارشى تەرەپكە ئەڭ ياخشىسى ماسكىنى داۋاملىق تاقاشنى ئەسكەرتتى.

  ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فۇگو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر چاغانلىق يولۇچى توشۇش يۇقىرى پەللىگە چىقتى، يولۇچىلار ئادەتتىكىدىن سەل كۆپەيدى. ئۇلار ئاپتوموبىل، يولۇچىلار بېكىتىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق شوپۇر ۋە خىزمەتچىلەرگە ماسكا ۋە پەلەي تارقىتىپ بەرگەن.

  «ماسكا تاقاپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۆزىگە، باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇل بولغانلىقتۇر» دېدى گۇچۇڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتقان يولۇچى ما رۇيفېڭ.

  ئارقىدىن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچىلار بېكىتى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتى، ئۈرۈمچى «1-ئاۋغۇست» ھەربىي تەمىنات يولۇچىلار بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەر قايسى بېكەتلەردە كىرگەن-چىققان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلغان، يولۇچىلارمۇ پائال ماسلاشقان.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاشيول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ يولۇچىلار بېكەتلىرىنىڭ بارلىق لىنىيەلىرىدە نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار نورمال قاتناۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى