تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، نيې نىڭ فوتوسى، خەۋىرى): سۈزگۈچ ئۆزەكلىك رەخت ئاخىرى يېتىپ كەلدى، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17:30لاردا، سۈزگۈچ ئۆزەكلىك رەخت ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن زاۋۇت رايونىغا يېتىپ بارغاندا، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيې: «كەچتىن باشلاپلا ئىسمېنا قوشۇپ ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدۇق» دېدى.
مال چۈشۈرۈش، يۆتكەپ لىفىتقا ئەكىرىش ۋە ماتېرىيال يولىدىن ئۆتۈشتە ئىشچىلار مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن پاكىزلاش سېخىغا كىرىپ، سۈزگۈچ ئۆزەكلىك رەختنى پارچىلاش ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاۋۋال پارچىلاپ كەستى، ئارقىدىن باشقا بىر ئۈسكۈنىدە قۇلاققا ئاسقۇچ يىپىنى بېسىپ ئورناتتى، شۇ كۈنى سائەت 19:05 ئۆتكەندە، زاۋۇت ئاخىرى ئىشقا كىرىشىپ تۇنجى ماسكىنى ئىشلەپچىقاردى.
شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-تېخنىكا باغچە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كارخانا 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چاغانلىق دەم ئېلىشنى باشلىغان، ئەسلىدە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىشقا چىقىش پىلانلانغان، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭدا ئىككى كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، بازاردىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەينەندە دەم ئېلىۋاتقان جاڭ جيې دەرھال ئايروپىلان بېلىتى ۋاقتىنى ئۆزگەرتتى ھەم خادىملارغا شىركەتكە قايتىپ ئىشقا چىقىشنى ئۇقتۇردى.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 15:00 لەردە، جاڭ جيې ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى، شىركەتكە بېرىپلا جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئىچكىرىدىكى كارخانىلار بىلەن خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئالاقىلەشتى، «ماسكىدا ئۈچ قەۋەت رەخت بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدىكى بىر قەۋەت سۈزگۈچ ئۆزەكلىك رەخت ۋە قاڭشارنى قىسىپ تۇرىدىغان قاڭشار تاياقچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرىدىن سېتىۋېلىش كېرەك» دېدى جاڭ جيې.
1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 15:30لاردا، جاڭ جيې سېتىۋالغان سۈزگۈچ ئۆزەكلىك رەخت ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى، «يەنە بىر تۈركۈم مال مۆلچەر بويىچە ئەتە يېتىپ كېلىدۇ. كەڭ كۆلەمدە ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان باكتېرىيە يوقىتىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈسكۈنىسى بۈگۈن ئەتىگەن زاۋۇت رايونىغا ئېلىپ كېلىندى، تېخى بايىلا قۇراشتۇرۇپ تەڭشەپ قويدۇق» دېدى جاڭ جيې.
شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، يەنە ئايرىش كىيىمى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان باش كىيىم، ئاياغ قاپلىغۇچ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان كارخانا ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە كارخانىدىكى 20 نەپەر ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا قايتىپ بولدى، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، خادىملار ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىققا كىرىشكەن بولۇپ، تېخنىك خادىم خەن بەيرېن بىلەن ياڭ خەنجې ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ھۆللۈكتىن ساقلاش رەختىنى كېسىش بىلەن ئىزچىل ئالدىراش بولدى، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئايرىش كىيىمىنى تىكىش رەسمىي باشلاندى.
كارخانىنىڭ ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مۇخبىر ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرىنى كۆردى، بىر ئايرىش كىيىمى ئادەتتە 10غا يېقىن ئىش تەرتىپى ئارقىلىق ئاندىن پۈتۈپ چىقاتتى.
ئادەم كۈچى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-تېخنىكا باغچە رايونى يەنە باشقا بىر كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 12 خادىمنى ئايرىش كىيىمىنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىشكە ۋاقىتلىق يۆتكەپ كەلدى. «بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن بىز ياردەمگە كەلدۇق، بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز» دېدى ياردەمگە كەلگەن ئايگۈل مۆمىن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سانائەت باغچە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورىلىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان ھەم مەخسۇس خادىملارنى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. «ئېغىر، زور يۇقۇم ئالدىدا، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، قەتئىي باش تارتماستىن خىزمەت ئورنىغا قايتتى، بىزمۇ مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ، كارخانىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى سۇ، توك، ئىسسىقلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز، بۇ يەنە خادىملارنىڭ تاماق، ياتاق مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بازاردىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز» ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سانائەت باغچە رايونى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ نىڭ تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.