تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدىكى ساۋاتلار 1

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟

   بىماردىكى ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر: قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ئاساسلىقى قۇرۇق يۆتەل، تەدرىجىي نەپەس قىينلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، كېسىلى ئېغىرلاردا جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، يىرىڭدىن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شوك بولۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس بولغان مېتابولىزىم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە قان ئۇيۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار. بىر قىسىم بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولسا قىزىمايدۇ.

    كۆپ قىسىم بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوتتۇراھال يېنىك بولۇپ، ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ، ئاز بىر قىسىم بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئەگەر دەسلەپكى كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلسە، ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ قانداق ئەھۋالدا داۋالىنىش كېرەك؟

   قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتىلىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى يۇقۇملانغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

    ئەمما قىزىش (قولتۇق تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا) يۆتىلىش، نەپەس جىددىيلىشىشتەك جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغلىنىشىنىڭ دەسلەپكى كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋۇخەنگە ساياھەتكە بارغان ياكى ئولتۇراقلىشىش تارىخى بارلار،  كېسەل قوزغىلىشتىن 14 كۈن بۇرۇن ۋۇخەندىن كەلگەن، قىزىغان ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ نەپەس يولى كېسەللىك ئالامىتى بار بىمارلار بىلەن ئۇچراشقانلار ياكى كىچىك دائىرىدە توپلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك پەيدا بولغانلار ۋاقتىدا شۇ جايدىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈشى، داۋالىنىشى لازىم.

دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    دوختۇرغا كۆرۈنگەندە كېسەل بولۇش ئەھۋالى ۋە داۋالىنىش جەريانىنى ئەينەن، تەپسىلىي بايان قىلىش، بولۇپمۇ دوختۇرغا يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋۇخەندە ساياھەت قىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخى، ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ياكى گۇمانىي بىمارلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىنى دېيىش كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، داۋالاش جەريانىدا تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى تاقاپ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قوغداش كېرەك.

قويۇق ئۇچراشقۇچىلار دېگەن نېمە؟

   كېسىلى قوزغالغان كېسەللىك مىسالى(گۇمانىي ۋە ئېنىقلانغان كېسەللىك مىسالى) بىلەن تۆۋەندىكىدەك ئۇچرىشىش ئەھۋالىنىڭ بىرى بولغانلار قويۇق ئۇچراشقۇچىلارغا تەۋە بولىدۇ: (1) كېسەللىك مىسالى بىلەن بىللە تۇرغان، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلغان ياكى باشقا قويۇق ئۇچراشقانلار؛ (2) داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، كېسەل يوقلاش ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى كېسەللىك بىلەن ئوخشاش يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقانلار؛ (3) كېسەللىك مىسالى بىلەن بىر كېسەلخانىدا ياتقان باشقا بىمارلار ياكى كېسەلگە قارىغۇچىلار؛ (4) كېسەللىك مىسالى بىلەن ئوخشاش بىر قاتناش قورالىغا ئولتۇرغان ھەمدە يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقانلار؛ (5) نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خادىملىرى باھالاپ بېكىتكەن شەرتكە چۈشىدىغانلار؛

نېمە ئۈچۈن قويۇق ئۇچراشقانلار 14 كۈن تېببىي كۆزىتىلىدۇ؟

    نۆۋەتتە قويۇق ئۇچراشقانلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر قاتتىق تېببىي كۆزىتىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئاممىۋى سەھىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىنتايىن زۆرۈر، بۇ بىر خىل ئاممىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. باشقا تاجىسىمان ۋىرۇسلار پەيدا قىلغان كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى، بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كېسەللىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ۋە نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، قويۇق ئۇچراشقانلارنىڭ تېببىي كۆزىتىش ۋاقتىنى 14 كۈن قىلىپ بېكىتىش ھەمدە قويۇق ئۇچراشقانلارنى تېببىي كۆزىتىش كېرەك .

ئامما يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟

     (1) قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش. يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، ھايۋانات چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئېقىن سۇ ياكى تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك.

    (2) ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىشىنى ساقلاش. يېپىق، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك. يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە تازىلىق قەغىزى ياكى جەينەكنى ئېگىپ ئېغىز-بۇرۇننى توسۇپ ، چاچراندىلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

    (3) دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسەتكەندە ياكى ھەمراھ بولۇپ داۋالانغاندا، چوقۇم مۇۋاپىق ماسكا تاقىۋېلىش.

    (4) بىخەتەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىش، خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۆكتات توغراش تاختىسى ۋە تىغلىق سايمانلارنى ئايرىش، تاماق ئەتكەندە گۆش ۋە تۇخۇمنى ئۈزۈل-كېسىل پىشۇرۇش كېرەك.

    (5) مۇداپىئەلەنمىگەن ئەھۋالدا ياۋايى ھايۋانلار ياكى بېقىلغان ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  

يېقىنقى مەزگىلدە ۋۇخەنگە بېرىپ قايتىپ كەلگەنلەر نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئەگەر كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەكمۇ ؟

    تۇرۇشلۇق جايىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىككى ھەپتە ئىچىدە بەدەننى قوغداپ، بەدەن ھالىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر كېسەللىكنى كونترول قىلىش تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالسا، تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىش، ئىشقا بارماسلىق، خالىغانچە سىرتقا چىقماسلىق، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەش، مەھەللە دوختۇرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قەرەللىك قوبۇل قىلىش كېرەك. ئەگەر قىزىش( قولتۇق تېمپېراتۇرىسى  37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى )، يۆتىلىش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا شۇ جايدىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش، داۋالىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى