تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى تاكسى شوپۇرلىرى ھەر كۈنى تاكسىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، دېزىنفېكسىيەلىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يىن نيەنۋۇ خەۋىرى، فوتوسى): مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر يولۇچى توشۇش ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى يولۇچى توشۇش ساھەسىدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 23 كىرا ئاپتوموبىلى شىركىتىدىن ئاپتوموبىللارنى مەركەزلىك دېزىنفېكسىيە قىلىشنى، بارلىق شوپۇرلاردىن ماسكا تاقاشنى، پەلەي كىيىشنى، ئاپتوموبىلغا دېزىنفېكسىيەلەش سۇ سەپكۈچى سەپلەپ، ھەر قېتىم يولۇچى توشۇغاندا بىر قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە دەسمال، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى تەييارلىدۇق، يولۇچىلار دائىم تېگىشىدىغان جايلارنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلدۇق.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 5-ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ شوپۇرى موۋ جۈن ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئاپتوموبىلغا چىققان يولۇچىلارغا تەشۋىق قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شىنجاڭ بېييۈەنچۇن تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى يىڭجۈن بۇ شىركەتتە 1139 ئاپتوموبىل بارلىقىنى، ئۇلار شوپۇرلاردىن ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، يەنە بارلىق يولغا چىقىدىغان ئاپتوموبىلدىن ھەر كۈنى سائەت 14:30دىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ئەترىتىگە كېلىپ، بىر قېتىم مەركەزلىك دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

«بىز ئاممىۋى قاتناشتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش گۇرۇپپا تەكشۈرۈش خادىمىنى تاكسى كارخانىلىرى، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردۇق.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر يولۇچى توشۇش ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكبەر ئېزىز مۇنداق دېدى: بىز ھەربىر شوپۇردىن چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق. ھەر بىر ئاپتوموبىل ھەر كۈنى يېتەرلىك ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ھەمدە ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى