تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى دورا، داۋالاش سايمانلىرى ئوبوروت كارخانىلىرى سەپەرۋەرلىككە كەلدى  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورىلىرى، داۋالاش سايمانلىرىنىڭ بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورىلىرى، داۋالاش سايمانلىرى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلاردىن مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى ھەمدە كۈندىلىك زۇكام دورىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دورا، داۋالاش سايمانلىرىنىڭ بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

شۇ كۈنى، جەمئىي 131 دورا، داۋالاش سايمانلىرى ئوبوروت كارخانىسى ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دورا، داۋالاش سايمانلىرى ئوبوروت كارخانىلىرى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا سەپەرۋەرلىككە كەلدى، شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئوبوروت كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى ھەم مۇنداق ۋەدە بەردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، دورا، داۋالاش سايمانلىرىنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىپ، ھايانكەشلىك قىلماي، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرمەي، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئالىمىز.

شىنجاڭ پۇجىتاڭ تىببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىر ياردەمچىسى ياڭ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى جەھەتتە، شىركەت تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق ئىشلەپتۇ، دورا ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، بازارغا 1 مىليوندىن ئارتۇق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ساپتۇ، نۆۋەتتە يەنىلا تەرتىپلىك سېلىۋېتىپتۇ ھەم ئىچكىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن پائال تەشكىللىك سېتىۋېلىۋېتىپتۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى ھەمدە كۈندىلىك زۇكام دورىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دورا، داۋالاش سايمانلىرىنىڭ بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك.

سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى، داۋالاش سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماي، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار، ھەتتا «ئۈچ يوق» مەھسۇلاتلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بازارغا ئېقىپ كىرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، نۆۋەتتە بازاردىكى قىسمەن مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ھەر قايسى كارخانىلار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ۋاسىتە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن مال مەنبەسىنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بايراملىق ئەشيا ئوبوروتى، يۈك تىرانسپورت كۈچى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن ئەھۋالدا، ھاۋا تىرانسپورتى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، بازاردىكى يوچۇقنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىن باھانى ئېنىق يېزىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھا بەلگىسى تولۇق بولۇش، بەلگىلەنگەن باھا مەزمۇنى توغرا، ئېنىق بولۇش، خەتلىرى ئېنىق بولۇش، مال بەلگىسى توغرا بولۇش، بەلگە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. تاۋارلارنى بەلگىلەنگەن باھاسىدىن سىرت باھا قوشۇپ سېتىشقا بولمايدۇ، يېزىلمىغان ھەر قانداق ھەقنى ئېلىشقا بولمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورا ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى ئوبوروت قىلىش، سېتىش كارخانىلىرىمۇ ئىچكى مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت سورۇنلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى تولۇق سەپلەپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك-دىجورنىلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلاردىن ھەر كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق قىس ماددىي ئەشيالارنىڭ ئامبار قالدۇقى ۋە يۆتكەش سانىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى سېتىش، ھايانكەشلىك قىلىش، باھا ئۆسۈش ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ تارقىتىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ قاتتىق جازالايدۇ ھەم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى