تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي 100 مىليون يۈەن ئاجراتتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش سەۋىيەسى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يىل بېشىدىكى خام چوتتىن 29 مىليون 110 مىڭ يۈەن ئاممىۋىي سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، 100 مىليون يۈەن خام چوت مەبلىغىنى جىددىي كۆپەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە مەخسۇس ئىشلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون شۇ دەرىجىلىككە 30 مىليون يۈەن، 14 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ھەر بىرىگە 5 مىليون يۈەندىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ھەم ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ