تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت دوختۇرخانىغا 20 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى جىددىي ئالدىن ئاجراتتى

شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى  

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن خەۋىرى) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت دوختۇرخانىغا 20 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى جىددىي ئالدىن ئاجرىتىپ بەردى.

    بۇنىڭ ئىچىدە، مەبلەغ ئالدىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن دوختۇرخانىلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دوختۇرخانىسى بار، ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا ئاجرىتىپ بېرىلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى 5 مىليون يۈەن بولۇپ، دوختۇرخانىلارنىڭ خىراجەتنى تۆلەپ تۇرۇش يۈكى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش كاپالىتى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرگە «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋالىنىش كاپالىتىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە داۋالىنىش كاپالىتىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە يېشىل يول ئېچىپ، مەركەزلىك داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا راسچوت قىلىشغا قارىتا، بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا راسچوت قىلىپ بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتە، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىلىرى ئۆلكە ھالقىپ ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش يېشىل يولى ئېچىپ، بايرام مەزگىلىدە ئەنگە ئالدۇرۇش تېلېفونىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئالاقىنىڭ  24 سائەت راۋان بولۇشىنى ساقلىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ياكى گۇمانىي ئاغرىقلار تېلېفوندا  بىۋاسىتە ئەنگە ئالدۇرۇپ، داۋالاش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلسا بولىدۇ.

    داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل  سۇغۇرتىسى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن، شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى ئالدى بىلەن داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا تۆلەپ تۇرىدۇ، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىلىرى ئاي بويىچە راسچوت قىلىدۇ. ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغاندا شەخسلەر تۆلەپ تۇرغان چىقىمنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارغا قايتىپ ئۆزى ئاتچوت قىلىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۇچۇرى دوكلاتى ۋە ئاممىۋى پىكىر جەھەتتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىدا ئۇچۇرنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، خىزمەتكە ۋاقتىدا ماسلىشىشقا، تېز، كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فۇنكسىيەسىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

    ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، ئالاقىلىشىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:

    ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، دىلنۇر مەمەت، 0991-8805202، 13899909815 

    ئۈرۈمچى شەھىرى، لى چياڭ، 18997928870

    ئاقسۇ ۋىلايىتى، ۋۇ جىڭجىڭ، 13319780856

    بايىنغولىن ئوبلاستى، ئوۋ يۈن، 15276156861

    خوتەن ۋىلايىتى، تيەن شياۋلى، 15109067776

    سانجى ئوبلاستى، سۇڭ مىڭدى، 18999552156

    تارباغاتاي ۋىلايىتى، ۋاڭ خۇا، 15769011431

    قاراماي، ليۇ تيەنتيەن، 15899392269

    تۇرپان شەھىرى، نىزامىدىن ئىمىن، 13309950391

    قەشقەر ۋىلايىتى، جۇ يۈفاڭ، 18999092566

    ئىلى ئوبلاستى، جەن چىڭفېڭ، 13779156999

    قومۇل شەھىرى، ۋەن لىلى، 18199782536

    قىزىلسۇ ئوبلاستى، لى چۇنخۇڭ، 18997697060

    ئالتاي ۋىلايىتى، قانات، 18997796333

    بورتالا ئوبلاستى، ۋاڭ مىن، 18997767720

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى