تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

  ئاغرىق ليۇX، ئەر، 44 ياش، ئۈرۈمچىلىك. 1-ئاينىڭ بېشىدا ئىچكى ئۆلكىگە ساياھەتكە بېرىپ، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى قايتىپ كەلگەن. دېمى سىقىلىپ نەپىسى قىسىلغانلىقتىن، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى دوختۇرخانىدا ئايرىپ كۆزىتىپ داۋالانغان. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋىرۇسنى نۇكلېئىك كىسلاتالىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە، نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ كېسەللىك مىسالىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى باھالاپ جەزىملەشتۈرگەن. ھازىر، بۇ ئاغرىق داۋاملىق شۇ جايدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق.

  1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 24كىچە، ئاپتونوم رايون جەمئىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بەش ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى، بىرىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى، ئېغىر كېسەللىك مىسالى ۋە ئۆلگەن كېسەللىك مىسالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

  ھازىر يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشقان 204 كىشى ئىز قوغلاپ تېپىلدى، ئۇلار تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل