تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلاش پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

− ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي ئۈچى بايقالدى. يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت! ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى، بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش، كاپالەتلەندۈرۈش، ماسلىشىش تەدبىرلىرى، مېخانىزملار بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدىن ئالغا سىلجىتتى.

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يەنە بىر قېتىم سىن يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تەدبىرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىمۇ شۇ كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپى بار ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيىتىنى توختىتىش، شىنجاڭغا كىرگەن كىشىلەر، ئاپتوموبىللارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، گۇمانىي كېسەللىك مىسالى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى.

تېز ھەرىكەتكە كەلدى قاتتىق ئالدىنى ئالدى

يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى جەزمەن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتناشنى كارانتىن قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

تاشيول جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولغان قومۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، شىڭشىڭشيا قاتارلىق شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا سەھىيە كارانتىن قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا كەلگەن كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى؛ تۆمۈريول جەھەتتە، ليۇيۈەن ۋوگزالىدىن باشلاپ پويىزغا چىقىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ۋوگزاللارنى ۋوگزالدىن چىققان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش - ئۆلچەشكە تەشكىللىدى؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يولۇچىلار ئېقىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ھەم باشقا ساياھەتچىلەر زىچ توپلاشقان شەھەرلەردىكى ئاۋىياتسىيە بىنالىرىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، پورتتىكى كىرگەن - چىققان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللاپ تەكشۈرۈپ، ئايروپورت جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ قىزىغان، گۇمانىي ئاغرىقلارنى كۈندىلىك قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇملاشتۇرۇپ قايتما ئىنكاس قىلدى.

يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر. ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارا، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئارا بىرلىكتە كۈچەپ ماسلىشىپ، تەۋەلىكتىكى بارلىق ئاھالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى تەكشۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن، يۇرتىغا قايتقان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇن ۋە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يولغا قويدى.

ئىلمىي ئالدىنى ئالدى، تىزگىنلىدى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلدى

ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايون سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر داۋالاش ئەترىتى، بىر قانچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايون قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن 16نى، بىڭتۇەندە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن بىرنى بېكىتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇلۇش - داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈردى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلار 212 ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتىدا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى يولغا قويۇپ، ھەرقانداق بىر ناھىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى بايقالسا دەرھال دىياگنوز قويۇپ قۇتقۇزالايدىغان - داۋالىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى خاتىرجەم قىلدى.

ماددىي ئەشيا كاپالىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتىگە ئىشلەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش - قۇتقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق تۆت دوختۇرخانىغا 20 مىليون يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى جىددىي ئالدىن بېرىپ، داۋالىنىشقا كەلگەن ھەربىر ئاغرىقنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېشىل يول ئېچىپ، مەركەزلىك تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا ئايرىم راسچوت قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، راسچوت قىلىپ، پۇل ئاجرىتىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دورا بۇيۇمى، داۋالاش سايمانلىرى ئوبوروت كارخانىلىرىنى يىغىپ، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى ھەمدە كۈندىلىك زۇكام دورىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دورا - سايمانلارنىڭ بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يۇقۇم ئەھۋالىنى كۈندىلىك دوكلات قىلىش، نۆل دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.

ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كەلدى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتى

يۇقۇم ئالدىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاكتىپ ماسلاشتى، كارخانىلار ۋە ھەرقايسى ساھەلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى، ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى.

ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئىشنى توختىتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن داۋالاش سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەرلىك تەمىنلىدى؛

131 دورا بۇيۇمى، داۋالاش سايمانلىرى ئوبوروتى كارخانىسى شۇنداق ۋەدە بەردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، دورا بۇيۇمى، داۋالاش سايمانلىرىنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىپ، مالنى بېسىپ قويماي، بېسىمدارلىق قىلماي، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرۈۋالماي، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛

جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق ساياھەت كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن زاكاز قىلغان ئۆمەك، گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئەسلىي بېكىتىلگەن پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىنى مۇۋاپىق تىنچلاندۇردى؛

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بايرام مەزگىلىدىكى باش تېما پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پائال ماسلىشىپ، ئاممىنىڭ يىغىلىشىدىن ساقلاندى؛

تۈرلۈك يول ئارقىلىق جەمئىيەتكە نوپۇزلۇق ئۇچۇر ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىلىپ ھەر كۈنى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىلمىي ساۋاتلىرى قايتا - قايتا تارقىتىلىپ، كەڭ ئامما يۇقۇمغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، ئالاقزادىلىك تۈگىتىلدى...

«قولنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقاش، ئاز يىغىلىشنى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر قىلالىدۇق.» مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى سۈن چېن بايىلا شىڭخۇي كىنو باغچىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانىدى. سۈن چېن مۇنداق بىلدۈردى: گەرچە تېببىي خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلالمىساقمۇ، بىراق ئۆزىمىز مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىپ، ئائىلىمىزدىكىلەرنى سىرتقا ئاز چىقىش، يىغىلماسلىققا يېتەكلەيمىز، بۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارمۇ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە كىرگەن - چىققان كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئۇچۇرلارنى تىزىملاش، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى