تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمىڭ خەۋىرى): يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىنو تارقىتىش-قويۇش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان ۋە ئىتتىپاقداش كىنو شەھەرچىسىدىن 90ى بار بولۇپ، ھازىر ھەممىسىدە تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلغان.

  «شىركىتىمىزنىڭ قارمىقىدا ئاپتونوم رايونلۇق كىنو تارقىتىش-قويۇش شىركىتى ۋە شىنجاڭ خۇاشيا تىيانشان كىنوخانىسىدىن ئىبارەت ئىككى كىنوخانا لىنىيەسى بار، شىنجاڭدا جەمئىي 90 كىنوخانا بار بولۇپ، 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلدى، تىجارەت باشلاش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق كىنو تارقىتىش-قويۇش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ نەن.

  «كىنوخانا بىرىنچى سەپتىكى تىجارەت سورۇنى ۋە ئامما زىچ توپلىشىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىشتا مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر بولغاچقا تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتتۇق، بېلەت سېتىۋالغان بارلىق كىنو مەستانىلىرى ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، ھازىر ماۋيەن(猫眼)، تاۋپياۋپياۋ(淘票票) قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ سۇپىلاردا بىر تۇتاش بېلەت قايتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىدا بېلەتنى بىۋاستە قايتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. 3-7 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېلەت سېتىۋالغان پۇل سوممىسى ئاپتوماتىك قايتۇرۇلىدۇ، ئەزىز مېھمان بېلىتى بارلار، ئۈندىدار ئارقىلىق ۋە كىچىك پروگراممىلارغا ئەزا بولۇپ بېلەت سېتىۋالغان خېرىدارلار كىنوخانا نورمال تىجارەت قىلغاندىن كېيىن بېلەت قايتۇرسا بولىدۇ.» مېييا كىنو شەھەرچىسىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ لى مۇنداق دېدى: قارمىقىمىزدىكى ئۈرۈمچى مېييا داگۇڭمىڭ خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى، ئۈرۈمچى مېييا چوڭ ئېكرانلىق كىنو شەھەرچىسىنىڭ ھەممىسىدە تىجارەت توختىتىلدى. 

  ئۈرۈمچى ئوسكار خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئوسكار يوۋخاۋ دۇكىنى، ئوسكار مېيمېي دۇكىنى، ئوسكار شاڭيۈەن خاۋپىن دۇكىنىمۇ ۋاقتىنچە تىجارەتنى توختاتتى.

  «كونكرېت تىجارەت باشلاش ۋاقتى ئۇقتۇرۇش قىلىنغىنى بويىچە بولىدۇ. ماۋيەن(猫眼)، تاۋپياۋپياۋ(淘票票) قاتارلىق توردا ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسىدا بېلەت قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، كوللېكتىپ ياكى ئەزالىق كارتا قاتارلىقلار ئارقىلىق نەق مەيداندا بېلەت سېتىۋالغان تاماشىبىنلار كىنوخانىغا بېرىپ بېلەت قايتۇرسا بولىدۇ، بىز نەق مەيداندا خىزمەتچى خادىملارنى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى ئوسكار كىنو شەھەرچىسىدىكى خىزمەتچى خادىم.

  1-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى چاغان مەزگىلىدە تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى، تىجارەت ۋاقتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ھەمدە بېلەت قايتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى، ئەگەر بېلەت قايتۇرالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، APP ئارقىلىق ياكى بېلەت سېتىۋالغان كىنوخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق كىنوخانىسى تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتتى. «كىنوخانا تىجارەتنى توختاتقان مەزگىلىدە دېزىنفېكسىيە قىلىش، تازىلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ ھەمدە نۆۋەتچىلىككە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كونكرېت تىجارەت باشلاش ۋاقتىنى ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ» دېدى كىنوخانا دىرېكتورى جاڭ يەنچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى