تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ) 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ساياھەتچىلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى، ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى، تور ئارقىلىق ئالدىن بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرگە ئەسلىدىكى ھەق تۆلەش يولى ئارقىلىق بېلەت پۇلى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى ۋە ئۈرۈمچى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شۇنداقلا ئالتايدىكى جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ھەممىسى تىجارەتنى توختاتقان ھەمدە بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار پەسلى كارتىسى، ئوقۇغۇچىلار كارتىسى ۋە سەيلى-ساياھەت كارتىسى سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ كارتا ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

  ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ قاناس، قۇمقاناس، ئاق قابا مەنزىرە رايونى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى، ئاراتۈرۈك ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭخۇ يۈيۈەن ئىستىراھەت كەنتى بىردەك 1-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنىدىن باشلاپ تاقالغان ھەمدە بارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى توختاتقان بولۇپ، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى يەنە بېلەت قايتۇرۇش مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسىنى ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت قايتۇرۇشىغا قولايلىق ياراتقان. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونىمۇ ۋاقتىنچە تاقالغان.

  بۇلاردىن باشقا، مۇخبىرنىڭ تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، شەھەرگە قاراشلىق بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن ۋاقتىنچە تاقىغان، بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت پۇلى تولۇق قايتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى