1. جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى دېگەن نېمە ؟
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى ۋىرۇس، باكتېرىيە، مىكروپلازما قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار نەپەس يولىدىن كىرىپ يۇقۇملاندۇرۇپ، يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكى. تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى، يۇقۇملۇق سارس(SARS)، ئادەمگە تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى ۋە ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى(MERS) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە تەۋە.
2. جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يول يۇقۇملۇق كېسەللىكى ئادەتتە جىددىي قوزغىلىدۇ، پۈتۈن بەدەندە قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل-بوغۇملار تېلىپ ئاغرىش، قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە يۇتقۇنچاق ئاغرىش، يۆتىلىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە (ياكى) قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، ئەزالار زەئىپلىشىش، شوك بولۇپ قېلىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
3. جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى قانداق تارقىلىدۇ ؟
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى قىش، ئەتىياز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ، تارقىلىشى تېز، كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، تارقىلىش يولى ئاساسلىقى ھاۋا ۋە ئۇچرىشىشتىن بولىدۇ. ھاۋادىن تارقىلىش: بىمار ياكى كېسەل يۇقتۇرغۇچى نەپەس چىقارغاندا، چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە، كېسەللىك ئەسلىي تەنچىسى ئېغىز-بۇرۇن ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، ئاسان يۇقۇملانغۇچىلار سۈمۈرگەندىن كېيىن يۇقۇملىنىدۇ. ئۇچرىشىشتىن تارقىلىش: ئاسان يۇقۇملانغۇچىلار بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا كېسەل قوزغاتقۇچى تەنچە ئاجرالمىلىرى، قان، بەدەن سۇيۇقلۇقى ياكى چىقىرىندىلار بىلەن ئۇچراشقاندا، يۇقۇملىنىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
4. قانداق كىشىلەر جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى كىشىلەر توپىغا ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولۇش، كەسپي يوچۇق قاتارلىقلار بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولۇپ، نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسان يۇقۇملانغۇچىلار توپى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار، بولۇپمۇ ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار؛ ھامىلىدار ئاياللار؛ 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، بولۇپمۇ نەپەس يولى ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق ئالاھىدە سورۇنلاردىكى كەسىپىي خادىملار.
5، شەخسلەر قانداق قىلغاندا جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟
(1) يۇقۇم مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇش
نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىش، يۇقۇم يۈز بېرىۋاتقان رايونلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆي قۇشلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، كېسەل، ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرى ياكى ياۋايى ھايۋانلارنى سويماسلىق ياكى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. قورۇما قورۇغاندا گۆش ۋە تۇخۇم تۈرىدىكىلەرنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك. ئامال بار كىشىلەر توپلاشقان، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك. زۇكام ياكى تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى بار ھەر قانداق ئادەم بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. باشقىلار بىلەن ئىستاكان، قاچا ـ قۇچا، لۆڭگە، چىش چوتكىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(2) تازىلىققا دىققەت قىلىش
چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە، قەغەز ياكى جەينەك بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىش. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك، ئېغىز-بۇرۇن ئاجراتمىلىرىنى قەغەز بىلەن ئوراپ، ئۈستى يېپىقلىق ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك. قولنى پات-پات يۇيۇش، يۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەندىن كېيىن، بىمارنى پەرۋىش قىلغاندىن كېيىن، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، تەرەتنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ياكى ھايۋانلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم سوپۇنلاپ ۋە ئېقىن سۇ بىلەن قول يۇيۇش كېرەك.
(3) دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش
مۇھىت تازىلىقى ۋە ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ئەگەر نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بىمارلار بولسا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ئەمما دەرىزىنى ئاچقاندا، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
(4) ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش
تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
(5) ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش
ئەگەر قىزىش(قولتۇق ئاستى تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇس)، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاڭلىق ھالدا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ماسكا تاقىۋالغانىدىن كېيىن دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ، دوختۇرغا ساياھەت تارىخى، كەسپى ۋە ئۇچرىشىش تارىخىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتىپ بېرىش ھەمدە داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش كېرەك.