تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ھەققىدە بىلىملەر

   يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دېگەن نېمە؟

  2019 يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ـــ «nCoV-2019»نى كۆرسىتىدۇ، 2019-يىلى ۋۇخەندە ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالى بايقىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇنداق نام بەردى

  تاجسىمان ۋىرۇس چوڭ تىپتىكى بىر ۋىرۇس جەمەتى بولۇپ، ئۇنىڭ زۇكام ھەمدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (MERS) ۋە ئېغىر ئۆتكۈر نەپەس يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (SARS) قاتارلىق نىسبەتەن ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلالايدىغانلىقى مەلۇم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىلگىرى ئادەم تېنىدە بايقالمىغان تاجسىمان ۋىرۇس يېڭى زەھەرلىك تۈپى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالاقىدار تۈردىكى ۋىرۇسلار بىلەن بولغان پەرقى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ___ يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن بىر تاجسىمان ۋىرۇس بولۇپ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى SARS قا ئوخشاپ كېتىدۇ

  بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي خوجايىنى شەپەرەڭ بولۇشى مۇمكىن

  شەپەرەڭدىن ئادەمگە يۇقۇش جەريانىدا نامەلۇم ئارىلىق خوجايىن ۋاسىتىسى بولۇشى مۇمكىن

  ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ ياۋايى ھايۋانات بولۇش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى

  بۇ قېتىمقى يۇقۇملىنىشنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟

  ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى

  قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتەل، نەپەس تەدرىجىي قىيىنلىشىش

  قىسمەن كېسەللەردە كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىل بولۇپ، قىزىمايدۇ

  كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلار

  ئۆتكۈر نەپەس قىيىنلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى

  يىرىڭدىن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شوك بولۇپ قېلىش

  تۈزىتىش تەس بولغان مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتاتىدىن زەھەرلىنىش

  قان ئۇيۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش

  شەخسلەر قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟

  1. قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش

  كۆپچىلىكنىڭ سوپۇن ۋە ئېقىۋاتقان سۇدا قولىنى 20 سېكۇنتتىن ئارتۇق ئۇۋۇلاپ يۇيۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ

  سىرتتا سوپۇن ئىشلىتىش قولايسىز بولسا، %70 ~ %80لىك ئىسپىرتلىق قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلسە بولىدۇ

  2. ماسكىنى مۇۋاپىق تاقاش

  ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇنلارغا ئاز بېرىپ ياكى ئىمكانقەدەر بارماي، يۇقۇم ئالامىتى بولغان ھەرقانداق كېسەل بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك

  چوقۇم بېرىشقا توغرا كەلسە، ماسكىنى مۇۋاپىق تاقاپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك

  قانداق قىلغاندا ماسكىنى توغرا تاقىغىلى بولىدۇ؟

  بىر قېتىملىق ماسكا تاقىغاندا، قاتلاق يۈزىنى تولۇق ئېچىش كېرەك

  ماسكىنىڭ ئىچى-تېشى، ئاستى-ئۈستىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، رەڭگى سۇس تەرىپىنى ئىچىگە قارىتىش، ئېغىز، بۇرۇنغا چىڭ تەگكۈزۈش، رەڭگى قېنىق تەرىپىنى سىرتىغا قارىتىش كېرەك

  مېتال تاياقچە (بۇرۇن قىسقۇچ) بار تەرىپى ماسكىنىڭ ئۈستى تەرىپى بولىدۇ

  ماسكىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، تەتۈر تاقىماسلىق، ماسكىنىڭ ئىككى يۈزىنى ئالماشتۇرۇپ تاقىماسلىق كېرەك

  3. ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش

  ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك

  ياۋايى ھايۋانلار ياكى قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك، ساتماسلىق، سېتىۋالماسلىق كېرەك

  4. شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش

  چۈشكۈرگەن ياكى يۆتەلگەندە، ئېغىز، بۇرۇننى قول بىلەن بىۋاسىتە توسماسلىق كېرەك

  توغرا ئۇسۇل: تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىپ ياكى جەينەكنى ئېگىپ ئېغىز، بۇرۇننى توسۇۋېلىش كېرەك

  ئىشلىتىپ بولغان تازىلىق قەغىزىنى زىيانلىق ئەخلەتلەر ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ، قولنى پاكىز يۇيۇۋېتىش كېرەك

  5. تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش

  يۆتىلىش، بەلغەم بولۇش

  قىزىش (قولتۇق تېمېپراتۇرىسى 37.3 گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى)

  كۈندىلىك پائالىيەتلەر ياكى دەم ئالغاندا نەپەس قىيىنلىشىش

  چوڭقۇر نەپەسلەنگەندە ئاغرىق ھېس قىلىش

  يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش

  زۇكام ياكى تارقىلىشچان زۇكام ياخشىلانغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالى تۇيۇقسىز ناچارلىشىپ كېتىش

  تىترەك بېسىش

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدىكى پىتنە-ئېغۋالارغا ئىشەنمەسلىك

  پىتنە-ئېغۋا (1)

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس SARS ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى شۇ؟

  توغرا چۈشەنچە

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسيېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن بىر تاجسىمان ۋىرۇس بولۇپ، SARS ۋىرۇسى ئەمەس، ئۇ SARS بىلەن ئوخشىمىغان ئىككىلەمچى توپ تارمىقىغا تەۋە.

  پىتنە-ئېغۋا (2)

  تاماكا چېكىش ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟

  توغرا چۈشەنچە

  تاماكا چېكىش ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايلا قالماي، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ تاماكا چەككەندە، قول ئېغىز-بۇرۇنغاتەكرار تېگىپ، ۋىرۇس ئەكسىچە شۇ سەۋەبلىك بەدەنگە كىرىپ كېتىشى مۇمكىن؛ تاماكا چەككەندە، ماسكا تاقىغىلى بولمىغانلىقتىن، ئادەم ئۆزىنى ياخشى قوغدىيالمايدۇ.

  پىتنە-ئېغۋا (3)

  ئۆيدە ئاچچىقسۇ قاينىتىش ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟

  توغرا چۈشەنچە

  ئاچچىقسۇنىڭ دەرۋەقە بەلگىلىك دەرىجىدە مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئۆيگە سېتىۋالغان ئاچچىقسۇدا سىركە كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، قايناتقاندىن كېيىن سىركە كىسلاتاسى ھاۋاغا تارقىلىپ، قويۇقلۇقى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەمما، بۇنداق تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى، مىكروب ۋە ۋىرۇس ئۆلتۈرەلمەيدىغان ئاچچىقسۇ ئادەمنىڭ كۆزى ۋە نەپەس يوللىرىنى غىدىقلايدۇ.

  پىتنە-ئېغۋا (4)

  ۋىتامىن C يېگەندە، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟

  توغرا چۈشەنچە

  ۋىتامىن C مىكرو ئېلېمېنتلا بولۇپ، ئۇنى تولۇقلاش بىلەن، ئورگانىزملاردا ۋىرۇس «مۇداپىئە تېمى» شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. ئەكسىچە، ناۋادا ئادەم ئۇزاققىچە زور مىقداردا ۋىتامىن C ئىچسە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  پىتنە-ئېغۋا (5)

  بەنلەنگېن ئىچسە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

  توغرا چۈشەنچە

  بەنلەنگېن ئوسما دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى. ئۇنىڭ ۋىرۇسنى تىزگىنلەش رولىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق ھۆكۈم يوق. بەنلەنگېن «خالىغانچە ئىچسە بولىدىغان، زىيان قىلمايدىغان» ئىچىملىكمۇ ئەمەس. بەنلەنگېندە باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاشلا مۇرەككەپ خىمىيەلىك تەركىبلەر بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا زىيادە سېزىم رېئاكسىيەلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

  كېسەللىك نامى ھەققىدە چۈشەنچە

  تاجسىمان ۋىرۇس

  تاجسىمان ۋىرۇس تەبىئەت دۇنياسىدا كەڭ دائىرىدە ساقلانغان بىر تۈرلۈك ۋىرۇس بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ھالىتىنى ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە تاجغا ئوخشىغانلىقتىن شۇنداق نام قويۇلغان. تاجسىمان ۋىرۇس پەقەت ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا يۇقىدىغان بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نەپەس يوللىرى، ھەزىم يوللىرى ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  سىستېمىلىق يېتىلىش دەرىخىگە ئاساسلانغاندا، تاجسىمان ۋىرۇسنى ئادەمگە يۇقىدىغان تاجسىمان ۋىرۇس، ھايۋانلار تاجسىمان ۋىرۇسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ.

  ئادەمگە يۇقىدىغان تاجسىمان ۋىرۇس

  بۇ قېتىم ۋۇخەندە ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 2019-nCoV.

  ئادەمگە يۇقىدىغان تاجسىمان ۋىرۇستىن يەنە ئالتە خىلى بار بولۇپ، ئۇلار: HCoV-229E، HCoV-OC43، SARS-CoV ،HCoV-NL63، HCoV-HKU1، MERS-CoV قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچى

  يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى ئادەتتىكى ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچىگە قارىغاندا باشقىلارغا تېخىمۇ ئاسان يۇقىدۇ ھەم يۇقۇمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

  جۇڭگودا نۆۋەتتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە، 39 خىلغا بۆلۈنىدۇ.

  B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى، بىرۇتسېللا كېسىلى، ئەيدىز كېسىلى، غالجىرلىق كېسىلى، تۇبېركۇليۇز كېسىلى، كۆكيۆتەل، كۆيدۈرگە، ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، دېنگې قىزىتمىسى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلى، تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى، ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 قۇش زۇكىمى، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى، لېپتوسپىروز كېسىلى، سىفىلىس، سۆزنەك، سىكارلاتىنا، تارقىلىشچان مېڭە-يۇلۇن يىلىك پەردە ياللۇغى، قىزىل، ئادەمگە تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى، يۇقۇملۇق B تىپلىق ئۆپكە ياللۇغى

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېرى، زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسى، چېتىلىش دائىرىسىگە ئاساسەن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ:

  پەۋقۇلئاددە زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى (1-دەرىجىلىك)

  زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى (2-دەرىجىلىك)

  چوڭ ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى (3-دەرىجىلىك)

  ئادەتتىكى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى (4-دەرىجىلىك)

  دەرىجىسى زور جىددىي ئەھۋال چاقىرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، قوللىنىدىغان تەدبىرلەر ئالاقىدار خادىملار، ماددىي ئەشيالار، قاتناش قوراللىرى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى جىددىي تەڭشەپ ۋە يىغىپ، نەق مەيداندىن ئايرىش، يۇقۇم رايونىنى بېكىتىش ۋە پېچەتلەش ئارقىلىق، زۆرۈر بولغان ماددىي ئەشيا خىراجىتىنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىمارلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقانلارنى ئايرىش، بىمارلارنى داۋالاش ۋە خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئاممىۋى پىكىر تەشۋىقاتى ۋە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك، زۆرۈر بولغاندا گوۋۇيۈەننىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ